شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاۋ خۇڭنەن). 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 10 ساياھەتچى خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شېنياڭ گۇگۇڭنىڭ فېڭخۇاڭ راۋىقىغا چىقتى. بۇ، فېڭخۇاڭ راۋىقىنىڭ 1990-يىلى تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئاممىغا تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
فېڭخۇاڭ راۋىقىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئارقا ئوردىغا تۇتىشىدىغان يول بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتكە تۇتىشىدىغان پەلەمپەي بەك تار، تىك بولغاچقا، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1990-يىلىدىن باشلاپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت تاقىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ راۋاققا چىقىشى توختىتىلغان.
شېنياڭ گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى لى شېڭنېڭ مۇنداق دېدى: تاماشىبىنلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئېكسكۇرسىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تاماشىبىنلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خان جەمەتى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشى ئۈچۈن، 30 يىلغا يېقىن تاقالغاندىن كېيىن، فېڭخۇاڭ راۋىقى ئاممىغا قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. تاماشىبىنلارغا ئازادە ئېكسكۇرسىيە قىلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، تاماشىبىنلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شېنياڭ گۇگۇڭ ھەر كۈنى 20 ئادەم قېتىمنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ھەر قايسىسىدا بىر تۈركۈم بولۇپ، ھەر تۈركۈمدە 10 تاماشىبىن فېڭخۇاڭ راۋىقىغا چىقىپ، گۇگۇڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرسە بولىدۇ.