تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا بىرلەشمىسى دۇنيا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى (نەنجىڭ بېكىتى)دە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ خېڭجى، ۋۇ جۈنكۇەن) 2019-يىللىق خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا بىرلەشمىسى دۇنيا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگولۇق ماھىرلار ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، گۇڭ لىجياۋ، ۋاڭ يۈ ۋە ۋاڭ جېڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا، ئاياللار چويۇن توپ مۇسابىقىسى، ئەرلەر ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى ۋە ئاياللار زەنجىرلىك توپ مۇسابىقىسى تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

  داڭلىق ماھىر گۇڭ لىجياۋ مۇسابىقىدە غەلبىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى، بىرىنچى ئايلانمىدىن باشقا قالغان تۆت ئايلانما مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ئۇنىڭ چېمپىيون بولىشىغا يېتەتتى. گۇڭ لىجياۋ ئەڭ ئاخىرىدا 19 مېتىر 84 سانتىمېتىر نەتىجىدە ئاياللار چويۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، بۇ نەتىجە يەنە مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بولدى. گۇڭ لىجياۋ مۇسابىقىدىن كېيىن، بۇ نەتىجىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىن ياخشى چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش بولغانلىقىنى، كېلەركى بېكەتتىكى ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ يۈ «شاڭخەي ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىدىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. گەرچە ئۇ شاڭخەي بېكىتى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، بىراق 2 مېتىر 28 سانتىمېتىر نەتىجە ئۇنى قانائەتلەندۈرمىگەن ئىدى. مۇسابىقە كۈنى، ئۇ بىرىنچى قېتىملىق سىناق سەكرەشتە 2 مېتىر 31 سانتىمېتىر سەكرەپلا غەلبە قازاندى، گەرچە كېيىنكى 2 مېتىر 33 سانتىمېتىر ئېگىزلىككە ئۈچ قېتىم جەڭ ئېلان قىلىپ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، بۇ نەتىجە يەنە مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن، بۇ نەتىجىنىڭ يەنىلا ياخشى ئەمەسلىكىنى، كېلەركى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ جېڭنىڭ ئاياللار زەنجىرلىك توپ تۈرىدە ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى، ئۇ تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە 75 مېتىر 27 سانتىمېتىرلىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى ۋە مۇشۇ نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى. بىراق ئالتە قېتىملىق سىناق توپ ئېتىشتا ئۇ ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، مۇسابىقىدىن كېيىن ۋاڭ جېڭ ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە خىلاپلىق قىلغان قېتىم سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىپادىسىنىڭ ئانچە ياخشى بولمىغانلىقىنى دېدى.

  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئامېرىكىلىق ماھىر مايكول روجېسنىڭ يېڭىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، ئۇ 10 سېكۇنت 9 دەقىقە نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگولۇق ماھىر شيې جېنيې 10 سېكۇنت 30 دەقىقە نەتىجىدە سەككىزىنچى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ ئاياللار 100 مېتىر توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن ئەرلەر ئۈچ دەرىجىلىك يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولدى. ئاياللار 100 مېتىر توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكىلىق تۆت ماھىر ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەك پەللىگە يېتىپ كەلدى، ئەڭ ئاخىرىدا بىرىئاننا ماكنېل كىچىك نومۇر پەرقىدە چېمپىيون بولدى. ئامېرىكىلىق ماھىرلار يەنە ئەرلەر ئۈچ دەرىجىلىك يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى، ئىككى قارارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ماھىر كىرىستىيان تايلېر چېمپىيون بولدى.

  ئەنگىلىيەلىك ماھىرلار ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جاسمايىن سويېر 6 مېتىر 56 سانتىمېتىرلىق نەتىجىدە ئاياللار يىراققا سەكرەش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگولۇق ماھىر لۇ مىنجيا تۆتىنچى بولدى. توماس روھرېر ئەرلەر نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى. كېنىيەلىك ماھىرلارمۇ ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، يەنى بېنجامىن كېگان ئەرلەر 3000 مېتىر توسالغۇ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، نېللىي جېپۇكوسگاي ئاياللار 800 مېتىر تۈرىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى