تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مەكتەپكە پىيادە بارىدىغان بالىلار ئاسان سەمرىپ كەتمەيدىكەن

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 5- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پىيادە ياكى ۋېلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ماي مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاسان سەمرىپ كەتمەيدىكەن.

  كامبرىج داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭى سان «BMC ئاممىۋى سەھىيە ژۇرنىلى»دىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار لوندوندىكى 2000دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلغان، بۇ بالىلار 5 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان ھەر خىل ئېرقتىكى بالىلار ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئادەتتە مەكتەپكە بارىدىغان قاتناش شەكلىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇل ۋە ماي مىقدارىنى ئۆلچىگەن.

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەخسىي ئاپتوموبىل ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پىيادە، ۋېلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارغان بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ماي مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك مەسىلىسى ئاسانلىقچە كۆرۈلمىگەن.

  كامبرىج داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى راند بوش مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى بەزى تەتقىقاتلاردا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق سېمىزلىك يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىناتتى، لېكىن بۇ كۆرسەتكۈچنى ھېسابلاش ئۇسۇلى قارىقويۇق بەدەن ئېغىرلىقىغىلا تايانغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇسكۇل ياكى ياغ پەيدا قىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەي، مۇسكۇل يېتىلىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان بەزى كىشىلەرمۇ سېمىز دەپ ھۆكۈم قىلىناتتى. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇل ۋە ياغ مىقدارى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بالىلارنىڭ سېمىزلىكىگە تېخىمۇ توغرا  ھۆكۈم قىلىندى.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىدەك كۈندىلىك ھەرىكەت داۋامىدا ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، نۇرغۇن جايدا كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بالىلارنىڭ سېمىزلىك مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى