18 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم مەبلىغى 9 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولدى
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەنچياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما يەنفېي): 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2019 شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى — بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭ جۇڭگو مىللىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ياڭگۇاڭ زالىدا ئېچىلدى. يىغىندا، 18 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم مەبلىغى 9 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى مەبلەغ 9 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىم ئىمزالانغان 18 تۈر، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىكەن.