تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھەر كۈنى ئازراق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە بىلىش ئىقتىدارىنى %60 ئۆستۈرىدۇ

  «ئوزۇقلۇق ساغلاملىقى ۋە قېرىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئاۋسترالىيە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 گىرام قاتتىق پوستلۇق مېۋە تولۇقلاش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى %60 ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 4822 نەپەر 55 ياشتىن ئاشقان ئاسىيالىقنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىسىنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر كۈنى 10 گىرامدىن ئارتۇق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەيدىغانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئىككى قوشۇق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەيدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا %60 ياخشىلانغانلىقىنى بايقىغان.

  بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى دوكتور لى مىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدە ماي، ئاقسىل ۋە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىكەن، ھەر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋە تولۇقلاش ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىكەن.

  جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى