تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا مىڭدىن ئارتۇق قۇش ئۇۋىسى بار قۇش ئارىلى بايقالدى

  ئۆز خەۋىرىمىز(ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې خوڭلياڭ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇ چياڭ، جيا خوڭمىڭ فوتوسى، ۋىدىيوسى): ئون مىڭدىن ئارتۇق سۇ قۇشى كۆلنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قومۇشلۇقتا كۆپىيىپ بۇ جاينى ماكان قىلدى! بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا بىر قۇش ئارىلى تېخى يېقىندىلا بايقالدى، بۇ جايدىكى قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئارتۇق ئىدى.

  بۇ قۇش ئارىلىنى جىنشاتەن مەنزىرە رايونى نەنخۇ مېھمانسارىيىنىڭ مەسئۇلى جۇ خوڭجاڭ ئەڭ بالدۇر بايقىغان. جۇ خوڭجاڭ تېلېفوندا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا مەنزىرە رايون ئاسمىنىدا ئۇچۇپ يۈرگەن سۇ قۇشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەھۋالنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىككى خادىمنى ئېلىپ كۆلنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قومۇشلۇققا بارغان.

  «قۇش ئارىلىدىن ناھايىتى يىراق جايدا ئاۋاز تۈسى ھەر خىل قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، ۋىچىر-ۋىچىر، بۆلەكچىلا ‹قىزىپ› كەتكەنىدى» دېدى جۇ خوڭجاڭ. ئۇلار قولۋاقنى ھەيدەپ قومۇشلۇقتا ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىگەن، قومۇشلۇقتىن گاھ ياۋا ئۆردەكنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلانسا، گاھ «پۇررىدە» قىلىپ توپ-توپ سۇ قۇشلىرى كۆككە ئۆرلىگەن.

  15 مىنۇتتىن كېيىن، ئۇلار مەنزىرە رايونىدىكى تاماشا سۇپىسىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يەنى مەنزىرە رايونىنىڭ غەربىدىكى بىر قومۇشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە توغرا كېلىدىغان جايدا بىر قومۇش ئارالنى بايقىغان، بۇ قومۇش ئارالنىڭ سۇ يۈزىدىن ئېگىزلىكى 20 نەچچە سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى تۆت-بەش كىلومېتىر، كەڭلىكى ئون نەچچە مېتىر كېلەتتى.

  ئۇلار بۇ ئارالغا يېقىنلاشقانسېرى، قارنا، ئاققوتان، ياۋا ئۆردەك ۋە نامىنى ئاتاش تەس بولغان بەزى قۇشلارنىڭ قومۇشلۇققا ئۇۋا سالغانلىقى بايقىدى. بەزى ئۇۋىلار نەچچە ئونى ياندىشىپ سېلىنغان، بەزىلىرى يەككە ھالەتتە قومۇش يىلتىزىغا سېلىنغانىدى، بەزىلىرىدە ئۈچ-تۆت ئاق ياكى قارا قۇش بالىسى ئۇۋىسىدا ئانىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەكىلىپ بېرىشىنى ساقلاۋاتاتتى. كۆز مۆلچەرىدىلا بۇ قۇش ئۇۋىلىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئاشاتتى! يېقىنلا جايدىكى كۆل يۈزىدە مىڭلىغان قۇش ئۇچۇپ يۈرگەن بولۇپ، پەس ئۇچقان قۇشلار سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، قومۇش ئارىلىدا توختاپ پەيلىرىنى رەتلەيتتى.

  «مەن بۇ مەنزىرە رايونىدا تىجارەت قىلىۋاتقىلى 18 يىل بولدى، ئەزەلدىن بۇ يىلدىكىگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ قۇشنى كۆرمىگەن، مەنزىرە رايونىدىكى قومۇشلۇق ئىچىدە قۇش ئارىلى بارلىقىنى تېخىمۇ ئويلىمىغان» دېدى جۇ خوڭجاڭ، ئۇ بايقىغان ئەھۋالىنى جىنشاتەن مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا دوكلات قىلدى.

  جىنشاتەن مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈي پىڭلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق نۇرغۇن پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەنزىرە رايونىدىكى پەسىل قۇشلىرى ۋە ئالاھىدە قۇشلار كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ، ساياھەتچىلەر قۇشلار ئۇۋا ياساپ ماكانلاشقان مەنزىرىلەرنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالغان.

  سۈي پىڭلياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، جىنشاتەن مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن باغراش كۆلىنىڭ خوشۇت بۆلىكى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سۇ ئورنى يىلدىن-يىلغا ئۆرلىدى، بۇنداق ئەھۋالدا قۇش ئارىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي.

  جىنشاتەن مەنزىرە رايونى باغراش كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ــ باغراش كۆلى قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەپىرى «شەرقىي ئاسىيا - ھىندىستان» خەلقئارا ئۇچۇش يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، كۆل ئەتراپىنى بويلىغان رايونلاردىكى قۇشلار توققۇز تۈر، 24 ئائىلە، 198 خىل بولۇپ، شىنجاڭدىكى قۇشلار ئومۇمىي تۈرىنىڭ %43.71ىنى، مەملىكەت بويىچە قۇشلار ئومۇمىي سانىنىڭ %14.88ىنى ئىگىلىگەن. ئۇلار ئاساسلىقى قارا تۇرنا، لاچىن قاتارلىق دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلار، چوڭ ئاق قۇ، شۇڭقار، لاچىن قاتارلىق 27 خىل دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلار بولۇپ، 3-ۋە 4- ئايلاردا قۇشلارنىڭ كۆچۈش بېسىق مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، ئومۇمىي سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدىكەن.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى