تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن ئوننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

    يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 21-تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن ئوننى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە پىتنە-ئىغۋا ۋە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى  ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

   1-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئەxنىڭ زوراۋانلىق - تېررورلۇق ئۈن - سىن ھۆججىتىنى تارقىتىش دېلوسى

      2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، تورداشلار ئەx (ئەر، ئۇيغۇر، 20 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)نىڭ ھۆججەت يوللاش قورالى ئارقىلىق تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئەxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

   2-دېلو مىسالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى دۇڭxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، تورداشلار دۇڭx(ئەر، خەنزۇ، 47 ياش، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دۇڭxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

   3-دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى مxنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار مx(ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن-سىن ھۆججىتىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

   4-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى سxنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

   2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار سx(ئەر، قىرغىز، 40 ياش، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن)نىڭ كومپىيوتېرىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى قانۇنسىز ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

   5-دېلو مىسالى: بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى جاڭxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار جاڭx(ئەر، خەنزۇ، 47 ياش، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

   6-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان يازما، سۈرەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

   7-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى سۈنxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، تورداشلار سۈنx(ئەر، خەنزۇ، 21 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۇيتۈن شەھىرىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سۈنxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

8-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى خۇxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار خۇx(ئەر، خەنزۇ، 44 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خۇxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

   9-دېلو مىسالى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى لىxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، تورداشلار لىx(ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىن)نىڭ سىن تور بېكىتى ئارقىلىق پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لىxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

   10-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ توردا نومۇسىنى سېتىش دېلوسى

   2019-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئايال، قازاق، 24 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە پاھىشۋازلىققا ئائىت ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى. 

   ئالاقە تور ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال-ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن - بەلگىلىمە بويىىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىكىدەك يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك. ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

   پاش قىلىش ئۇسۇلى:

   تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

   تېلېفون نومۇرى: 2384777ــ0991

   ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

   مىكرو بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)

   ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报)

   ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

   قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى