تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو پويىزلىرى كۇبانىڭ تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتىغا كۈچ قوشتى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۇنجى تۈركۈم پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى كۇبانىڭ ھاۋانا پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 40 كۈنگە يېقىن سەپەردىن كېيىن، كۆك ۋە ئاق رەڭ ئارىلاشقان جۇڭگو تۆمۈريول يولۇچىلار پويىزى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا كۇبانىڭ ھاۋانا پورتىغا يېتىپ كەلدى. جۇڭگو ماشىنىسازلىق ئىمپورت-ئېكسپورت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ھۆددىگە ئالغان، جۇڭچې تاڭشەن پاراۋۇز چەكلىك شىركىتى لايىھەلىگەن ۋە ياسىغان تۇنجى تۈركۈم كۇباغا ئېكسپورت قىلىنغان جۇڭگو تۆمۈريول يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، كۇبانىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېپيېڭى تۆمۈريول يولۇچىلار پويىزىنى سېتىۋېلىشى ئىدى. بۇ جۇڭگو پويىزلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، كۇبانىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۆمۈريول سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى