مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ، خەيرلىك سەھەر، دوستلار! بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، يەنە بىر قىسىم جايلاردا بولسا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ.
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 9~8 بال بولىدۇ، 10~11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ.