تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمى كەلدى شىنجاڭ باغراش كۆلى ياۋا قۇشلار بىلەن تولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ . خۇرە): 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر توپ سۇ قۇشلىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدىكى جىنشاتەن سۇلۇق يېرىگە ماكانلاشتى. سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدا، باغراش كۆلىگە ئۇچۇپ كېلىپ «ئەۋلاد» قالدۇرىدىغان سۇ قۇشلىرى تۇخۇم بېسىش باسقۇچىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، بەخىرامان ھالدا ياز پەسلىنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلى ۋە قايدۇ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋا ئۆردەك، ئۇقار، قارنا، سۇر لەيلەك، قىزىل تۇمشۇق چايكا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئارتۇق قۇش بۇ جايدا ياشاپ كۆپىيىپ، بۇ جاي ياۋا سۇ قۇشلىرىنىڭ ماكانلىشىدىغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى