5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئېدىرلىقتا ئۇچقاندەك ماڭماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ لياڭ، ياڭ گۇاڭ، ياڭ ۋېي خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇ يۆلياڭپو مەنزىرە رايونىدا، 2019-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا يوللۇق رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسى باشلاندى، مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 58.5 كىلومېتىر بولۇپ، مۇسابىقە نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ يولغا چىقىش رەت تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلانغان، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 5000 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي توققۇز ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى بار.