5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا، كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چۇ جيەنجۈن جەنۇب سۆسۈن سېرىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش رايونىدا، دەرەخلەر ئارىسىدىن سۆسۈن رەڭ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان، خۇش ھىدى ئەتراپقا تاراپ تۇرغان جەنۇب سۆسۈن سېرىنى مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«قارىماققا سۆسۈن سېرىندەك كۆرۈنىدىغان بۇ گۈللەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سېرىنگۈلنى چېتىشتۇرغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن خاس گۈل شەكلى ۋە پۇرىقى.» شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: چاتقاللىق سۆسۈن سېرىننىڭ تۈپى بىر قەدەر پاكار، ئەمما بەرگى چىرايلىق، ئۇنى ئامۇر قەلەمپۇرى سېرىنىنىڭ ئۇلاق تۈۋىگە يېتىشتۈرگەندە، ئۆسكەندىن كېيىن ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان سېرىنگۈل تۈرىدىكى خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خۇشپۇراق جەنۇب سۆسۈن سېرىنىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق، ھىدى تېخىمۇ قويۇق. ئېچىلىش مەزگىلى باشقا سېرىنگۈللەرنىڭكىدىن 10 كۈن كېيىن بولۇپ، 5- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بەس-بەستە ئېچىلىدۇ، ئېچىلىش مەزگىلى 25~20 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
چۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «يەرلىكتە ئۇلاپ يېتىشتۈرگەن يېڭى سورت بولغاچقا، جەنۇب سۆسۈن سېرىنىنىڭ قۇرغاق ۋە سوغۇق مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، شىمالدىكى شەھەرلەرنى كۆكەرتىشكە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاتقال كىچىك دەرەخكە ئايلىنىدىغان بولغاچقا، كوچا مەنزىرىسىنى كۆكەرتىشكە ئىنتايىن باب كېلىدۇ. كېلەر يىلى ئەتىيازدا شەھەر رايونىنى كۆكەرتىشكە ئېلىپ كىرىلىدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، خۇشپۇراق جەنۇبىي سۆسۈن سېرىنىنى ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبە خاراكتېرلىك چېتىش، يېتىشتۈرۈشتىن كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكىچە 20 نەچچە يىل ۋاقىت كەتكەن، بۇنىڭغا ئىككى ئەۋلاد باغ-ئورمان تېخنىك خادىمىنىڭ قان تەرى سىڭگەن.