تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شاڭخەيدە قويۇلغان كونسېرت، كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى تېخىمۇ تونۇتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو سەنئەت بايرىمى كونسېرتى ھەم مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كۆرگەزمە دېيىلىدۇ) شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، شىنجاڭنىڭ شاڭخەيدە قويۇلغان كونسېرتى، كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى تېخىمۇ تونۇتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى باش تېما قىلىپ، «ئۇسسۇلدىكى شىنجاڭ» «ئىجادىي شىنجاڭ» «گۈزەل شىنجاڭ»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك مەزمۇندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتە مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نادىر نومۇرى، ئون نەچچە ساياھەت لىنىيەسىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل كىرىشتۈرۈلگەن شېئىر دېكلاماتسىيەسى «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»، مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» قاتارلىق مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نادىر نومۇرلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ سەھنە سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت نومۇرلىرى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا قاتارلىق ئون ئورۇن تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن 500 (يۈرۈش) دىن ئارتۇقنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن نامايان قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى نەق مەيدانىدا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق سىن تەشۋىقات فىلىمى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىر تەرەپتىن، كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن، تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. قىزغىن، شوخ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار شىنجاڭنىڭ ھەر خىل مىللىي چالغۇلىرىنىڭ نەپىس سىرتقى شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ، ئالدىغا بېرىپ چالغۇلارنىڭ نامى، ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنى سورىدى. شىنجاڭنىڭ شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئورۇنلانغان مەيدانلار ئادەم بىلەن لىق تولۇپ، ئارتىسلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئورۇنلىغان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ناخشا ئېيتتى، ئۇسسۇل ئوينىدى، نۇرغۇن تاماشىبىن بىر تەرەپتىن، ھۇزۇرلىنىپ، بىر تەرەپتىن، يان تېلېفونىدا بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى سىنغا ئالدى ۋە ھەمبەھرىلىدى.

  «شىنجاڭ پۇرىقىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش» باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە باشلىنىشى بىلەنلا تاماشىبىنلار تەرىپىدىن قاتمۇقات ئورىۋېلىندى، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان شىنجاڭ، كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، يىپەك يولى يېڭى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى جەمئىي 16 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا - ئۇسسۇللىرى، يېڭىچە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى نامايان قىلىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىدە «شىنجاڭنى بىر قېتىم ساياھەت قىلىش» ئارزۇسىنى ئويغاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى