تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى قەشقەردە باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى قەشقەر داشۆسىدە باشلاندى، بۇ يىللىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش . پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش».

  بۇ يىللىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى بىلەن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، گۈزەل تۇرمۇشنى ھېس قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتەكلەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىندى.

  5- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە بولغان پائالىيەت ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شەكلى ھەر خىل، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەرنى مەكتەپ، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈرۈش، تەجرىبە قىلىپ كۆرسىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەييارە تەشۋىقاتى ۋە مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى مەزگىلىدە «تور پائالىيەت ھەپتىلىكى» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى ھەم ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار يەنە پۈتۈن يىللىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىكەن، يەنى «3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسى» «ئاسترونومىيە بىلىملىرى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتى» «<تۇرمۇشتىكى ئىلىم - پەن> ياش - ئۆسمۈرلەر ئەمەلىيەت پائالىيىتى» «<مەن ۋە ۋەتىنىم> ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش پائالىيىتى» قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى