تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تاشساي كەنتى: تاغدىن چۈشكەن چارۋىچىلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شۈ جيەن، مېھرىگۈل ناسىر، خې شىنشې، جانات تولقىن

5- ئاينىڭ 20- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى بۇ ناھىيەنىڭ ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىگە دەل ۋاقتىدا كېلىپ بالىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭدى.
( شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خې شىنشې فوتوسى)

  چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىللىق يولغا چىقىپ، دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىنى بويلاپ 100 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي چوڭ دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان ۋاششەرى بازىرىنىڭ تاشساي كەنتىگە يېتىپ كەلدۇق.

  تاشساي كەنتى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى. 2008- يىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ «ئادەم ۋە چارۋىلارنى تاغدىن چۈشۈرۈش، يېشىللىقنى ئېگىزلىكتە قالدۇرۇش» خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە، چاقىلىق ناھىيەسى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 243 ئائىلىلىك چارۋىچىنى كۆچۈرۈشنى تاماملىدى. بۈگۈنكى كۈندە تاشساي كەنتىدە ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيگە ماكانلاشتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ 20 مو يېرى بار، سۇ، توك، يول، تور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق، يەنە 40 ئائىلىلىك ئالدىن تەبىئىي گاز ئىشلەتتى.

  تاغدىن چۈشكەن چارۋىچىلارنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

   تۇرمۇش ياخشىلاندى، بالىلارنى چوقۇم ياخشى تەربىيەلەش كېرەك

  بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەردە، چاقىلىق ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىق 2- سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان گۈلزىبا نىرىسجان ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئورنىدىن بالدۇر تۇردى. سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ يەنە ئۇيقۇدىكى ئىنىسى مۇزەپپەر نىرىسجاننى ئويغاتتى. «ئۇكام، ئۇكام، تېز تۇر، بۈگۈن دۈشەنبە، بىز بالدۇرراق مەكتەپكە بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىمىز كېرەك.» مۇزەپپەر نىرىسجان ئاچىسى ئوقۇۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

  كەنتتە باشلانغۇچ مەكتەپ بولمىغاچقا، تاشساي كەنتىدىكى بالىلار 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋاششەرى بازىرىدىكى چاقىلىق ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىدىكى قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2016- يىلى 3- ئايدا چاقىلىق ناھىيەسى مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلدى.

  ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاچا - ئۇكا ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆيدىن چىقتى، ئۇلارنىڭ ئاپىسى تۇراگۈل تۇرسۇن ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، سېرىق رەڭلىك بىر مەكتەپ ئاپتوموبىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. 30 نەچچە كىچىك دوست ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، رەتلىك تىزىلىپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ، شوپۇرغا تىزىملىتىپ، رەت نومۇرى قويۇلغان ئورۇندا ئولتۇردى... ئون مىنۇتقا قالمايلا بالىلار ئولتۇرۇپ بولدى. «بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ياخشى تاقىۋېلىڭلار، بىز يولغا چىقىمىز!» شوپۇر شۇنداق دەپ جېكىلىگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئاستا - ئاستا كەنتتىن چىقتى. بالىلار خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئاتا - ئانىلار بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.

  مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئاستا - ئاستا كۆزدىن غايىب بولغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە باشلىقى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «كەنتتە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بار بولغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن كۆپ قولايلىق بولدى، بىزنىمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكتىن خالاس قىلدى!» «ھەقىقەتەن شۇنداق! ھۆكۈمەت بىزگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلىپ بىزنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈردى، بىز چوقۇم بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى كۆپرەك ئوقۇتۇپ، غايىلىك كىشىلەردىن قىلىپ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى يەنە بىر ئائىلە باشلىقى گەپ قىستۇرۇپ. چوڭلار ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن گەپ قىلىشىپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىشتى.

  يىل بويى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، تاشساي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن ئىدى. لېكىن، چىرايلىق «ئۇزۇن بۇرۇن»لۇق مەكتەپ ئاپتوموبىلى بۇ يەرنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى. كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بىر يېپيېڭى باشلانغۇچ مەكتەپ كەنت ئېغىزىدا قەد كۆتۈرگەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، تاشساي كەنتىدىكى بالىلار ئىشىكى ئالدىدىلا ئوقۇيالايدىغان بولدى.

   يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك غېمى قالمىدى، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم

  تاشساي كەنت يولىدا ماڭغىنىڭىزدا، يول بويىدىكى بۈك - باراقسانلاشقان كۆكەرتىش بەلبېغى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن قارىسىڭىز، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى بوش جايغا يەنە ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ تېرىلغانلىقىنى كۆرىسىز. «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى بىزنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىمىزدە تېرىغان، قاراڭ، كۆكەرتىش بەلبېغىدىن باشقا، يول بويىدىكى بوش يەرگىمۇ كۆكتات تېرىلدى» دېدى تاشساي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ جىجۈن مۇخبىرلارغا يول بويىدىكى بىر پارچە كۆكتاتلىقنى كۆرسىتىپ، تەخمىنەن 30- 20 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەرگە شوخلا، چەيزە، تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلغانىدى.

  نېمە ئۈچۈن ئازراق بوش يەر بولسىلا كۆكتات تېرىلىدۇ؟ بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشى ئۈچۈن.

  ئەسلىدە گەرچە تاغدىن چۈشۈپ ئولتۇراقلاشقىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى يەنىلا ئۆزگەرمىگەنىدى، بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغىنى شۇكى، گۆشنى كۆپ يەپ، كۆكتاتنى ئاز يېيىش سەۋەبلىك، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىدە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان قەنتى قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلدى.

  قانداق قىلغاندا ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتكىلى، ئۇلارنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ساغلام ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ تاشسايدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئوزۇقلۇق بىلىملىرىنى قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىگە قورۇما قورۇشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشكە يېتەكلىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆكتات يېيەلىشى ئۈچۈن، كەنت كەنت ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك يەردىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدىكى تېرىقچىلىق رايونىدا ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە خىلمۇخىل كۆكتاتلار تېرىلدى. ئىشىكى ئالدىدىكى بوش يەرلەر ۋە يول بويىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ ئارىلىقلىرىغىمۇ كەنت ئاھالىلىرى ھېچ يەرنى بوش قالدۇرماي كۆكتات تېرىدى. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن نىياز ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقىدا باش پىياز، چەيزە، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى، «كۆكتاتلار ئۆزىمىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئاساسەن يېتىدۇ» دېدى ئۇ رازىمەنلىك بىلەن.

   تۇرالغۇ ياخشىلاندى، تازىلىق مۇھىتىمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى چىڭقى چۈشتە، مۇخبىرلار 75 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئوبۇلئېزىز ھەسەن ئائىلىسىگە باردى، كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ پاكىز، رەتلىك ھاجەتخانىسىدا سۇ بىلەن چايقىلىدىغان تەرەت تۇڭى، سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، گەرچە ئاددىي بولسىمۇ بىراق ناھايىتى ئىللىق ئىدى. تۇراگۈل تۇرسۇننىڭ ئاشخانىسىدىكى قىزىل جاۋەن يۈزىگە ئاپئاق مەرمەر تاش قويۇلغان بولۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى، بۇستارتقۇ، گاز يېقىلغۇلۇق ئوچاقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. «ھازىر تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بارغانسېرى قولايلىقلاشتى. بىزمۇ زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى تۇراگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئاشخانا بىلەن ھاجەتخانىنىڭ ھەممىسى يېقىندىلا ئۆزگەرتىلگەن. بىراق ئىككى يىل ئىلگىرىلا تېخى بۇنداق ئەمەس ئىدى.

  گەرچە ئازادە ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ، تاشساي كەنتىدىكى بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا كونا ھاجەتخانىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىنى ياۋا ئوت - چۆپلەر باسقان، ھەممىلا جاي ئەخلەت بىلەن تولغان، چىۋىنلەر ئۇچۇپ يۈرگەن، ياز كەلسىلا سېسىق پۇراق چىقىپ، پاشا كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسانلا كېسەل تارقىلاتتى.

  قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تازىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ 2018- يىلى 5- ئايدا، چاقىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنت «ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش» خىزمىتىنى باشلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش» بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىرلىشىپ ھۆددىگە ئالغان ئورۇن، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار ۋە كارخانىلارنى «تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» شەكلىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تەرەت تۇڭى، قول يۇيۇش دېسى ئىئانە قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش»كە قاتنىشىشىنى قوللاشقا پائال قوزغاتتى.

  «ئىلگىرى يۇيۇنۇشقا شارائىتىمىز يوق ئىدى، ھازىر ئۆيىمىزگە سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىپ، ھەر كۈنى يۇيۇنىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردۇق.» كەنت ئاھالىسى قەھرىمان ئەخمەت تۇنجى بولۇپ «ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش» خىزمىتىگە ئاۋاز قوشتى، شۇڭا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنى 500 كىلوگىرام سېمونت بىلەن مۇكاپاتلىدى.

  ھازىرغىچە، تاشساي كەنتىدىكى %60 دېھقان ئائىلىسى «ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش» خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرقى 40 ئائىلىمۇ كەينى - كەينىدىن ئۆزگەرتىشنى باشلايدۇ.

  كەنتنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. قەھرىمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، مەن ئاندىن بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بەزىدە ناھىيە بازىرىغا ئىش بېجىرگىلى چۈشتىن بۇرۇن بېرىپ، چۈشتىن كېيىنلا قايتىشقا ئالدىرايمەن، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتقاندىكى ئاشۇ تۇيغۇ نېمىدېگەن ياخشى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى