تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ شىنمېي خەۋەر قىلىدۇ: «يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن، كەنتىمىزنىڭ كۆكتات پارنىكىدا يېڭى ئۆسكەن موگۇلار بازارغا سېلىنىدۇ. ھازىر، جەمئىي 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 8000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلايدىغان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بۇ چوڭ لاپاسلىق پارنىك گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋلېن رىشات يېقىندا خۇشال ھالدا.

  «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى تارقاتقان كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ پايدىسى بىلەن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، كەنتىمىزدە يېڭىدىن سېلىنغان ئالتە لاپاسلىق پارنىك ۋە ئىككى دۇكان ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ يىل كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمى 230 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى» دېدى داۋلېن رىشات.

  بۇ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىدىن پايدىلىنىپ، «گۈزەل يېزا - كەنت» قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدە مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى ساياھەتچىلىكتىن پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى.

  ئاقئۆتكەل كەنتىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى كوللېكتىپ ئىگىلىكتىن قىلىدىغان يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان بۇ نامرات كەنتتە يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسىلا ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتتى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ۋىلايەت ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنگە مەخسۇس تۈردىكى يۆلەش مەبلىغىدىن جەمئىي 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئىقتىسادى ئاجىز 78 كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىنى يۆلىدى، 78 كەنتنىڭ ھەربىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 127 مىڭ يۈەن بولدى.

  «ئىلگىرى يىلدا زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بىلەن، يۆلەپ بولغىلى بولمايتتى، مەبلەغ، بايلىق، سىياسەت، تۈرنى بىرىكتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىدى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى پېڭ كاڭ.

  2015- يىلىدىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز كەنتلەرنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، كەنت ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش - يۆلەش مەبلىغى تەسىس قىلدى.

  بۇ ۋىلايەت ھەر يىلى مالىيەدىن 5 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش، ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئاز بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز كەنتلەرنى ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، يەرنى ياخشىلاش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇقتىلىق يۆلەپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش - باھالاش ئۆلچىمىگە كىرگۈزدى؛ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «شەھەر، يېزىلار ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىش، 100 كەنت ئورتاق بەرپا قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، تۈر قاتارلىقلاردىن باشلاپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ۋىلايەت يەنە كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش «يېشىل يول»ى ئېچىپ، باجنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە مەدىتى بېرىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەر ئارقىلىق باشلامچى كارخانىلارنى نامرات كەنتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قوشماقلىشىشقا تەشكىللەپ، «باشلامچى كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» قوشماقلىشىپ، ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش سۇپىسى قۇرۇپ، كارخانا ئالاقىلىشىدىغان كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەنت بىلەن كارخانىنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى