تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىيىتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مائارىپ خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىن ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە ئاچقان بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك يىغىن بولۇپ، مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋر مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجىنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ھۆكۈملىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېنىق يۆنىلىشكە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر مائارىپ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يىغىن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدىكى «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەپ ياخشى باشقۇرۇش، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋر مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلاندۇرۇش، باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى. شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشتا بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى