تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئۆگىنىش تېزىسى» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

«شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئۆگىنىش تېزىسى» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلدى)نى تۈزۈپ بېسىشنى تەشكىللىدى، يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزملىق ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «تېزىس» كىرىش سۆز، ئاساسىي قىسىم، خاتىمەدىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 18 قىسىم، 85 تارماق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي دەرسلىك ماتېرىيالى.

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن «تېزىس»نى ئۆگىنىش، قوللىنىشقا ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.«تېزىس»نى ئۆگىنىشنى پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىنىشى، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشقا، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشقا، خىزمەتلەرگە تۈرتكە قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. «تېزىس»نى ئۆگىنىشنى تۇتقا قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، يۈزەكى بولۇش، مەنپەئەتكە بېرىلىشتەك ناچار ئۆگىنىش ئىستىللىرىنى توغرىلاپ، تۈزىتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى ياۋاغاز ئېففېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كوماندىر - جەڭچىلەرگە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، قىسىمنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى توپلاپ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.