تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى

  مۇخبىرىمىز جاڭ مىن خەۋىرى: ئىلى يايلىقىغا بېرىپ قامچىلاپ ئات چاپتۇرۇش، قاناسقا بېرىپ گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىش، قەشقەرگە بېرىپ قەدىمىي شەھەر تارىخىي خاتىرىسىگە قۇلاق سېلىش ...

  ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭغا كىرىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئازراق ئۆسكەن. ئەمما ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردىن شىنجاڭغا كېلىشتە يەنىلا ئېتىبار باھالىق بېلەتلەر بار.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەر قايسى بېلەت سېتىش ئاپپاراتلىرى APP سىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بايقىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئازراق ئۆسكەن، ئەمما ئومۇميۈزلۈك 800 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

  6-ئايدا ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا باشلىنىش نۇقتىسى: بېيجىڭدىن ئۇچقاندا 715 يۈەن؛ شاڭخەيدىن ئۇچقاندا 970 يۈەن؛ گۇاڭجوۋدىن ئۇچقاندا 1036 يۈەن. چېڭدۇدىن ئۇچقاندا 705 يۈەن، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %28لىك ئېتىبار باھادا؛ چۇڭچىڭدىن ئۇچقاندا 708 يۈەن، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %29لىك ئېتىبار باھادا بولىدىكەن. 4-ئاي ۋە 5-ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئومۇمىي پەرقى چوڭ بولمىغان.

      شىئەن، ۋۇخەن، چاڭشا، خاڭجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئازراق ئۆسكەن، ئەمما ئۆسۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. شىئەندىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقاننى مىسالغا ئالساق، 5-ئاينىڭ 30- ۋە 31-كۈنلىرى 464 يۈەنلىك ئېتىبار باھالىق بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، 6-ئاي پۈتۈن بىر ئايدا ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئىزچىل 500 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. 6-ئايدا ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتا 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەڭ ئەرزان باھالىق بېلەت 661 يۈەن، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %29لىك ئېتىبار باھادا؛ چاڭشادىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتا 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق بېلەت 776 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %24لىك ئېتىبار باھادا؛خاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتا 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق بېلەت 808 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %25لىك ئېتىبار باھادا؛ نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتا 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق بېلەت 859 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %29لىك ئېتىبار باھادا بولىدىكەن. قالغان ۋاقىتتا بېلەت باھاسى %30 لىك ئېتىبار باھادىن يۇقىرى بولۇپ، ئايروپىلان بېلەت باھاسى 1000 يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، نەنچاڭ، فۇجوۋ، شيامېن، كۇنمىڭ، خەيكوۋ، نەننىڭ، گۇيياڭ قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتا، ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئوخشاشلا ئۆسۈپ، بېلەت باھاسى بىردەك 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نەنچاڭدىن ئۇچقاندا 831 يۈندىن؛ فۇجوۋدىن ئۇچقاندا 841 يۈەندىن؛ شيامېندىن ئۇچقاندا 964 يۈەندىن؛ كۇنمىڭدىن ئۇچقاندا 722 يۈەندىن؛ خەيكوۋدىن ئۇچقاندا 902 يۈەندىن؛ نەننىڭدىن ئۇچقاندا 958 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ ئىچى بۆلىكىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى چوڭ بولمايدىكەن، شۇنىڭدەك %10-%20لىك ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتى يېتەرلىك بولىدىكەن. يەنى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتى 334 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە)  %17لىك ئېتىبار باھادا؛ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتى 234 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %14لىك ئېتىبار باھادا؛ ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتى 340 يۈەندىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي بۆلمە(ئەرزان باھالىق بۆلمە) %20 لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىكى بىر ئايروپىلان بېلىتى سېتىش خادىمى مۇنداق دېدى: 6-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئازراق ئۆسىدۇ ئەمما ئۆسۈش نىسبىتى چوڭ بولمايدۇ.  8-ئاي ۋە 9-ئايغا بارغاندا شىنجاڭغا كىرىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆسىدۇ، سەپەرگە چىقىش پىلانى بار ساياھەتچىلەر ئالدىن بېلەت زاكاس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى