ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې): ئۆتكەن ھەپتە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، بۇ ھەپتە كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇسقا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۈگۈن ۋە ئەتە (5-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنى) ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 29 سېلسىيە گىرادۇسقا، شەھەرنىڭ شىمالى ۋە مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدا بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئىككى كۈندە كەڭ دائىرىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، باشقا كۆپ قىسىم جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ.