تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏«ئۆي ئاپتوموبىلدىكى شىنجاڭ» خوتەندە نامايان بولدى، جايلاردىن كەلگەن ‏ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى گۈزەل شىنجاڭنى ئالقىشلىدى

  مۇخبىرىمىز جياڭ سەييۈن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، «ئۆي ئاپتوموبىلدىكى شىنجاڭ» ئاپتوموبىل ئەترىتى جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ شۆبە مەيدانى بولغان خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا نامايان بولدى، شىنجاڭدا يول بويى كۆرگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تىلغا ئالغاندا ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ ليەنۋېن: «شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن!» دېدى.

  ۋاڭ ليەنۋېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 ئۆي ئاپتوموبىلدا جەمئىي 40تەك ئادەم بولۇپ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قومۇلدا يىغىلغاندىن تارتىپ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئىككى ئاي ساياھەت قىلىمىز، قومۇلدىن ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، ئىلى، ئالتايغا بېرىپ، ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن تۇرپاندىن ئۆتۈپ شىنجاڭدىن چىقىمىز، سەپەردە 53 ئۆتەڭ بار، ھەر 2.5 سائەتتە «بارگاھ» قۇرۇپ جايلىشىپ، كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىمىز.

  مۇساپە ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما يېرىم ئايدىن كۆپرەك يول يۈرۈشتىن ۋاڭ ليەنۋېن بۇ خىل كەچۈرمىشنى ئىنتايىن قالتىس ھېس قىلغان، ساياھەت لىنىيەسى ئىنتايىن ئېنىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، لاگېردا سۇ، توك بار ئىكەن، شىنجاڭدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاپتوموبىلدا ئۆي تۇتقاندەك ھېسسىياتتا بولغان.

نەق مەيداندىكى ئۆي ئاپتوموبىل ئەترىتى.

  2002-يىلى، ۋاڭ ليەنۋېن شېنجېندا تۇنجى ئۆي ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى تۇنجى ئۆي ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسى ئاسقان ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئايلانغان. 17 يىلدا ئۇ ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارىدىن 230 مىڭنى توپلىغان، ئۇنىڭ كەچۈرمىشى ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەت چەمبىرىكىدىكى جانلىق ئېلانغا ئايلانغان. «بۇنى ئۆز كۆزۈم، ئۆز قەلبىم بىلەن ھېس قىلغان، كىشىلەر ماڭا ئىشىنىدۇ!» دېدى ئۇ.

  ھەر بەش كۈندە 20دەك ئۆي ئاپتوموبىل مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قومۇلغا كېلىپ، 60 كۈنلۈك ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتىنى باشلايدۇ، 11-ئاينىڭ ئالدى-كەينىگىچە 2000 ئۆي ئاپتوموبىلنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ۋاڭ ليەنۋېننىڭ بۇ قېتىملىق يول تەكشۈرۈش سەپىرى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

سىچۇەندىن كەلگەن لى لى بىلەن ئۇنىڭ سىنگاپورلۇق ئېرى پىتېر كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  مۇخبىر نەق مەيداندا ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا قاراپ، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شوپۇر دوستلارنىڭ نەق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، سىچۇەندىن كەلگەن لى لى بىلەن ئۇنىڭ سىنگاپورلۇق ئېرى پىتېر 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سىچۇەندىن يولغا چىقىپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قومۇلغا يېتىپ بارغانىدى.

  پىتېر شىنجاڭدىكى ھەربىر كۈندىن ئىنتايىن ھۇزۇرلانغانلىقىنى، 10-ئايدا يەنە كېلىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ ليەنۋېنگە ئوخشاشلا، ئۇ شىنجاڭدا يېرىم يىل تۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى، چۈنكى شىنجاڭ «ھەقىقەتەن بەك گۈزەل!» ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شياۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۆي ئاپتوموبىلدىكى شىنجاڭ» بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 11-ئايغىچە ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا كېڭەيتىلىدۇ.

  2019-يىلى، شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنى ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم بۆسۈش يۆنىلىشى قىلىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليارد يۈەن بولغان شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لاگېرى تۈرىدە بۇ يىل ئىش باشلاپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لاگېرىدىن 64نى، ئايرودۇرۇم ئالمىشىش لاگېرىدىن 22نى قۇرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل يەنە باغراش كۆلى، سايرام كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى  لاگېرىنى قۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى