ۋىتامىن E دائىم ئۇچرايدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار، ئۇ يەنە قورۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىپ، چىراينى ياش پېتى ساقلاپ تۇرالايدۇ. دۇڭنەن داشۆسى قارمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ جىڭدۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىتامىن E تېرە ھۈجەيرىسىگە كىرگەندىن كېيىن تېرىنىڭ ئەركىن رادىكال، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە بۇلغىما ماددىلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىپ، تېرىنى ئېىلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپ، قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن، شۇڭا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، ۋىتامىن E نى بىۋاستە تېرىگە سۈرۈشكە بولىدىكەن.
ۋىتامىن E تېرىنىڭ نۇردىن قېرىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، تېرە راكى بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر پەيدا قىلغان ئىممۇنىتېت تورمۇزلىنىش رېئاكسىيەسىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتاپتا كۆيۈش زەخمىسىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىل داغ، سۇلۇق ئىششىق، قورۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىدىكەن. كونكرېت ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ۋىتامىن E بىلەن ئاقارتىش ئۇسۇلى: ئىككى قوشۇق قېتىق، يېرىم قوشۇق ھەسەل، يېرىم قوشۇق لىمون سۈيىنى ئۈچ دانە ۋىتامىن E كومىلىچىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرۈپ 15 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋېتىش كېرەك.
ۋىتامىن E بىلەن نەملىكنى ساقلاش ئۇسۇلى: ۋىتامىن E كومىلىچىنىڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى تەگلىك مايغا قوشۇپ يۈزگە سۈرگەندە نەملىك ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ۋىتامىن E بىلەن داغ يوقىتىش ئۇسۇلى: ۋىتامىن E كۇمىلىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى داغ بار ئورۇنغا سۈرۈپ، 10-5 مىنۇتقىچە يېنىك ئۇۋۇلاشنى كۈندە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
-خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.