تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى ئۈچ رەڭلىك يېپىق ئايلانمىلىق ئاستا يۈرۈش پىيادىلەر يولى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن رەسىم

  مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى: سەيلە قىلىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، مەنزىرە تاماشا قىلىش، راھەت ئاستا رېتىملىق تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدا ياسىلىۋاتقان 30 كىلومېتىرلىق ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى — رەڭلىك يېپىق ئايلانمىلىق ئاستا يۈرۈش پىيادىلەر يولىدىن ئۈچى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  ئۈچ يېپىق ئايلانمىلىق ئاستا يۈرۈش پىيادىلەر يولى ئايرىم-ئايرىم خۇڭسەن باغچىسى ئەتراپى ئايلانمىسى، نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى ئەتراپى ئايلانمىسى ھەمدە شىمىگۇ باغچىسى ئەتراپى ئايلانمىسىدا بولۇپ، پىيادىلەر يولى يۈزىنىڭ رەڭگىگە ئاساسلانغاندا، ئايرىم ھالدا قىزىل رەڭلىكى خۇڭسەن تۇرمۇش ئايلانمىسى، كۆڭ رەڭلىكى نەنخۇ كۆڭۈل ئېچىش ئايلانمىسى ۋە يېشىل رەڭلىكى شىمىگۇ ئىستىراھەت ئايلانمىسىدىن ئىبارەت، ئۇزۇنلۇقى ھەممىسىنىڭ 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرىمىز فۇنەن يولىغا جايلاشقان نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدە، تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كەڭلىكتىكى كۆك رەڭلىك پىيادىلەر يولىنىڭ مەيدان سىرتىدىكى ئورمان بەلبېغىدا يىلاندەك سوزۇلۇپ، تاكى نەنخۇ جەنۇبىي يولىغىچە داۋاملىشىپ، نەنخۇ جەنۇبىي يولى، نەنخۇ غەربىي يولى قاتارلىق يوللاردىكى پىيادىلەر يولىنى تۇتاشتۇرۇپ، يېپىق ھالەتتىكى ئاستا يۈرۈش ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆردى.

  قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ لىڭنەن ئېكولوگىيە مەدەنىيەت-ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى يۈ دۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدىكى يېپىق ئايلانمىلىق پىيادىلەر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىر بولۇپ، پىيادىلەر يولىنىڭ يۈزى كۆك رەڭدە، بۇنىڭ ئىچىدە 1500 مېتىر يول يۈزىگە يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال ياتقۇزۇلغان، بۇ، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، سۈركىلىشكە چىداملىق ماتېرىيال بولۇپ، سەيلە قىلىشقا، ۋېلىسىپىت مىنىشكە ماس كېلىدۇ. ھازىر، يېپىق ئايلانمىلىق پىيادىلەر يولى قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ياتقۇزۇلۇپ بولغان پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلماقتا.

  شەھەر ئاھالىسى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يولدا دەرەخ ۋە گۈللەر بولۇپ، ھاۋاسى ساپ ئىكەن، مەن ئىشقا مۇشۇنداق مېڭىپ بېرىپ كېلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن.»

  يۈ دۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇڭسەن باغچىسىدىكى يېپىق ئايلانمىلىق ئاستا يۈرۈش پىيادىلەر يولى قۇرۇلۇشى تاماملانغان، شىمىگۇ باغچىسىدىكى يېپىق ئايلانمىلىق پىيادىلەر يولىدا 5-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان.

  شىمىگۇ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى گو ۋېننىڭ ئېيتىشىچە، شىمىگۇ رايونىنىڭ ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى «ئاستا يۈرۈش يولى، باش تېمىلىق ئايلانما، شەھەر يولى»دىن شەكىللەنگەن «يول-ئايلانما-يول» دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك سىستېما بولۇپ، ھازىر، ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى ئەتراپىدىكى ئارام ئېلىش ئورۇندۇقى، سەيلە بېغى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەر ياسىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى