شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ خەيتاۋ، لېي جياشىڭ) 16-قارارلىق سۇدىرمان لوڭقىسى دۇنيا پەي توپ ئارىلاش گۇرۇپپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا باشلاندى، جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 0گە قارشى 5 نەتىجىدە مالايسىيا كوماندىسىنى يېڭىپ تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، ھىندونېزىيە كوماندىسى، جۇڭگو تەيبېي كوماندىسىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئوخشاش كۈندە ئاخىرلاشقان ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ھالقىلىق مۇسابىقىسىدە، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا ھىندونېزىيە كوماندىسى 1گە قارشى 4 نەتىجىدە ئېنگىلاند كوماندىسىنى يەڭدى، جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى 2گە قارشى 3 نەتىجىدە جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسىنى يەڭدى.