تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

بىر باغچە رايونى قۇرۇش  بىر پارچە چۆل-باياۋاننى كۆكەرتىش

جۇڭتەي گۇرۇھى:

بىر باغچە رايونى قۇرۇش      بىر پارچە چۆل - باياۋاننى كۆكەرتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى دۇ زۇڭياڭ، رېن جياڭ، لۇ فېڭباۋ، شيې لۇڭ، ۋاڭ چىمىڭ

  بۇ يىل باھاردا شاپتۇل چېچىكى، تاشئالما چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلغاندا، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى دېيىلدى) رېمونت سېخىنىڭ خىزمەتچىسى بەي خاۋرېن دوستلار چەمبىرىكىدە بىر پارچە ماقالە − «باشقا جاينىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەس قىلمايمەن، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھەرقانداق جاينىڭ باھاردىكى گۈزەل مەنزىرىسىدىن قېلىشمايدۇ!»نى تارقاتتى. باغچە رايونىنىڭ 19 پارچە مەنزىرە سۈرىتى يانداشتۇرۇپ تارقىتىلغان بۇ ماقالە نۇرغۇن دوستلارنىڭ چېكىپ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  «باغچە رايونىمىزنىڭ مەنزىرىسى ساياھەتچىلەر ئوينىغىلى بارىدىغان باغنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ» دېدى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بەي خاۋرېن. بەلكىم مۇخبىرلارنىڭ ئىشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدى بولغاي، ئۇ ئۈندىدارنى ئېچىپ، ھېلىقى ماقالىنى تېپىپ مۇخبىرلارغا كۆرسەتتى. دەرۋەقە، سۈرەتلەردە تاشئالما، گۈلجېنەستە، گىلاسلار بەس - بەستە چېچەكلىگەن بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.

  فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى زاۋۇت رايونىغا كىرسىڭىز، ھەممە جاينىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى كۆرىسىز، قاتار - قاتار بىنالار يېشىللىق ئىچىدە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەگەر يىراقتا زاۋۇت ئۆيى ۋە تۇرۇبا يولى بولمىغان بولسا، بۇ يەرنى خىمىيە سانائىتى كارخانىسى بىلەن باغلاش ناھايىتى تەس.

  كارخانىغا يېڭى كەلگەنلەر ھەيران قالىدۇ، ئىلگىرى بۇ يەرنى پىششىق بىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ھەيران قالىدۇ، ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇڭ رۇمۇ شۇنداق. سۇڭ رۇ مۇنداق دېدى: «زاۋۇت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەن بۇ يەرگە كەلگەن، بۇ يەر كەڭ كەتكەن قاقاسلىق ئىدى، پەقەت ئازراق سۆكسۆك، يانتاقلا بار ئىدى، يولنى قېلىن توپا باسقانىدى.» سۇڭ رۇنىڭ ئۆيى فۇكاڭ شەھىرىدە بولۇپ، كېيىن سىرتقا چىقىپ ئوقۇغان، خىزمەت قىلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى پارتكوم، مەمۇرىيەت ئىشخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، كۆز ئالدىدىكى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر، سايە تاشلاپ تۇرغان يېشىل دەرەخلەرگە قاراپ ئۇ بۇ يەرنى خاتىرىسىدىكى چۆل - جەزىرە بىلەن پەقەتلا باغلىيالمىدى. ماقالە يوللانغاندىن كېيىن، باغچە رايونىغا كېلىپ باقمىغان بەزى دوستلىرى ئۇنىڭدىن «بۇ راستىنلا باغچە رايونىمۇ؟ باغچىدا تارتىلغان سۈرەت ئەمەستۇ؟» دەپ سورىدى.

  فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىدىكى پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بۇ باغچىلاشقان باغچە رايونىنىڭ فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىگە تەۋە شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.

  فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى ئارقا سەپ تەمىنات مەركىزىنىڭ كۆكەرتىش، تازىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جەن خۇڭۋېي بىر پېشقەدەم خىزمەتچى. 2011- يىلى، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشقا تېخى ئۇل سالمىغاندا، ئەينى چاغدا تېخى جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ باشقا كارخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جەن خۇڭۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ بۇ چۆلگە كېلىپ كۆچەت تىككەنىدى. ئۇ چاغدا، مەيلى گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بولسۇن، ۋاقتى بولسىلا نۆۋەت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئورەك كولاپ، كۆچەت تىكەتتى.

  2012- يىلى، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش باشلاش بىلەن بىللە، زور كۈچ بىلەن كۆچەت تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلدى، بىر يىللىق كۆكەرتىش سېلىنمىسى 30 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئۇدا نەچچە يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتىر، كەڭلىكى 800 مېتىر كېلىدىغان ئورمان بەلبېغى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، يېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بىر باغچە رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  بۇ يىللاردا، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى 100 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، باغچە رايونىغا 220 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكتى، يېشىللىق كۆلىمى 2500 مودىن ئېشىپ، باغچە رايونىنىڭ يەر كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى.

  2012- يىلى، جەن خۇڭۋېي فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىدە يېڭىلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە، باغچە رايونىنىڭ كۆكەرتىش يىرىك پىلان خەرىتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەسلەپتە كۆز ئالدىدىكى قاقاس چۆللۈكنىڭ ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن قاپلانغان باغچە رايونىغا ئۆزگىرىشىگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدى. ئەمما ئاران بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شۇنچە چوڭ باغچە رايونىغا ئېگىز - پاكار غوللۇق دەرەخلەر، چاتقاللار تولۇپ كەتتى، باغچە رايونىدا ئېچىلىپ قالغان سېرىق توپىلىقلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى. شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەر يىلى زور مىقداردا مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلەتتى، يەنە بىر قىسىم جايلاردىكى تۇپراقنى پۈتۈنلەي يېڭىلىدى، زاۋۇت رايونىدىكى چىملىق توپىسىنى ئۇدا ئۈچ يىل ئالماشتۇرۇش، ياخشىلاش ئارقىلىق ئاندىن بەرپا قىلىنغان. ھازىر، باغچە رايونىنى كۆكەرتىش گۈزەللەشتۈرۈش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  چۆللۈكتىن باغچىلاشقان زاۋۇتقا ئۆزگەرگىنى يالغۇز فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىلا ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى «بىر باغچە رايونى قۇرۇش، بىر پارچە چۆل - باياۋاننى كۆكەرتىش، شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىش» قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، فۇكاڭ، توقسۇن، كورلا، ئارال قاتارلىق جايلاردا ئون چوڭ سانائەت باغچىسى قۇردى. كارخانىلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، ھەربىر باغچە رايونىنى لايىھەلەش، قۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سانائەت باغچىسىنى كۆكەرتىشنى يىرىك پىلانلاش، لايىھەلەش قارىشىنى كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، بىخەتەر ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۈك - باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، گۈللەر ئېچىلغان، تاللار ياشارغان باغچىلاشقان زاۋۇتلار چۆل - باياۋاندا، قاقاس تاغ ئارىسىدا قەد كۆتۈردى.

  خىزمەتچىلەرگە گۈزەل، يېقىشلىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى. فۇكاڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورمان بەلبېغىدا، نامىنى بىلمەيدىغان تۈرلۈك قۇشلار سايرايدىغان بولدى، دائىم ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل، ھەتتا تۈلكىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. چۆللۈكتىكى قاتار - قاتار باغچىلاشقان زاۋۇتلاردىن خىزمەتچىلەرمۇ پەخىرلىنىدىغان بولدى. ئادەتتە گۈزەللىكنى سۆيىدىغان سۇڭ رۇ زاۋۇت رايونىدىلا تاشئالما گۈلى، گۈلجېنەستە، گىلاس چېچىكى قاتارلىقلارنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان چاغدىكى نۇرغۇن سۈرەتلىرىنى تارتاتتى، ھېلىقى ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ پەقەت بىر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى تولۇقلاپ تارتىپلا ماقالىنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزدى.

      مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى

يېشىللىق ئۇرۇقى چېچىش      خەلققە بەخت يارىتىش
رېن جياڭ

      تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش داۋامىدا، مۇخبىرلار شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغىچە شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى نەچچە كارخانىغا باردى، بۇ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى شەھەردىن يىراق چۆل - باياۋاندا قۇرۇلغان، بۇ كارخانىلارنىڭ زامانىۋىلاشقان ئەسلىھەلىرىگە ھەيران قېلىش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ باراقسان دەرەخلەر، يېشىل يۇمران ئوت - چۆپلەر قاپلىغان مەنزىرىسىمۇ مۇخبىرلارنى جەلپ قىلدى.

      چۆل - باياۋان، قۇملۇق كەڭ تارقالغان ھەم قۇرغاق، ھۆل-يېغىن ئاز شىنجاڭدا يېشىللىق ئادەتتىن تاشقىرى قىممەتلىك، بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا قاقاس بولغان چۆل - باياۋاندا يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش تېخىمۇ قىيىن، بۇنىڭغا قانچىلىك جاپالىق ئەجىر سىڭىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا باشتىن - ئاخىر يېشىل تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كارخانىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، چۆل-باياۋان، قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، خىزمەتچىلەرگە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا شۇ جايغا بىر پارچە يېشىللىق قالدۇردى.

      ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى. كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن بىللە، چوقۇم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئېكولوگىيەلىك بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى