تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

112 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى يولغا قويۇلدى

«جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە شىنجاڭ 187 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

112 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى يولغا قويۇلدى

5- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2019- يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى خوتەن شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا باشلاندى. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۆرگەزمە ئورنىدا ساياھەت ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا.

(شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى − 2019- يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى بۇ يەردە باشلاندى. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەڭ قەدەمدە «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى 187 تۈرگە يەتتى.

  بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇش». شۇ كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر تەڭ قەدەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ئويۇنى، مەدەنىيەت - سەنئەت ئويۇنلىرى، لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق 187 تۈردىكى ھەر خىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يەنە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش ياكى بېلەت باھاسىنى ھەقسىز قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش تەدبىرى ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى ساياھەت بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىدىن 112 تۈرنى يولغا قويدى.

  مول، رەڭدار ساياھەت پائالىيەتلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «مەن ئەسلىدە شىنجاڭنى ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغانىدىم، ئەمدى قارىسام، ئىككى ئاي يەتمىگۈدەك، مەن شىنجاڭنى ئالتە ئايدا ئايلىنىپ چىقىشنى ئويلاشتىم» دېدى شېنجېندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ ليەنۋېن شىنجاڭ شۆبە يىغىن نەق مەيدانىدا. ئۇ بۇ يىللىق «ئۆي ئاپتوموبىلىدىكى شىنجاڭ» پائالىيىتى بويىچە تۇنجى بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن ئۆي ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن قومۇل، سانجى، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى گۈزەل شىنجاڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇامىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە «شىددەت بىلەن» ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.35 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.12 ئاشقان.

  بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي بولغان خوتەننىڭ ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇزاق، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، ساياھەت تاۋارلىرى كۆپ، ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىلگاھنىڭ بىرى بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ناھايىتى تېز. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، خوتەن ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسى 657 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.37 ئاشقان؛ ساياھەت كىرىمى 930 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.08 ئاشقان.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى، ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتى، مېھمانخانا كەسپى جەمئىيىتى يەنە قارىمىقىدىكى شۆبە جەمئىيەتلەر ھەم قىسمەن ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، باش كاتىپى جاڭ شياۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەرقايسى جەمئىيەتلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەزا كارخانىلارنى ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات نوپۇسلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پائال ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەم پىلانلاش، لايىھەلەش مۇلازىمىتى، تېخنىكا مەدىتى، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، تەشۋىقات، تىجارەت - سودا يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، يۆلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى