تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان ئىرادىنى ئالقىشلايمىز

شۈ لۇلۇ

  بارلىق قۇم - شېغىل ماتېرىيال زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ، كادىرلار، ئاممىنى ئۈزۈلدۈرمەي دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، خېجىڭ ناھىيەسى شىمالىي تاغدىن ئىبارەت بۇ قاقاس تاغنى دۆلەتلىك 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان «يېشىل بانكا»غا ئايلاندۇردى. گېزىتتىكى بۇ مۇھىم خەۋەرنى كۆرۈپ، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك پايدىدىن ۋاز كېچىپ، يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ئالقىشلىدى. يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات قارىشىدىكى ئۆزگىرىش، تەدبىرىدىكى ئۆزگىرىش بىر قاقاس تاغنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىشىدەك مۆجىزىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلماسلىقى كېرەك. يىرىك تەرەققىيات ئەندىزىسى، قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ تېز سۈرئەتتە توپلىنىشىنى، GDPنىڭ ئېشىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، بىراق يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى، ھەتتا ئېكولوگىيەلىك ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىياتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا بولغان ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، شىمالىي تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقىنى يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش تەدبىرى دېيىشكە بولىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك» «قەتئىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش ئاۋات - باي بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.» بىر رايوننىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا يېشىل تەرەققىيات يولى. بۇ مەزگىلدە قىيالماسلىق ۋە ئاغرىش بولىدۇ، لېكىن، چوڭ يۆنىلىش توغرا بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىنى بويلاپ قەتئىي بوشاشماي ماڭغاندىلا، بىز ئاخىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن ئىبارەت قوش پايدىغا ئېرىشەلەيمىز، شىمالىي تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى دەل بىر ئۆرنەك.

  («سۆز ھەممىگە» ماقالە قوبۇل قىلىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى