تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تۇتامى يوق كىشىلەر ھامان بوراندا يوقىلىدۇ

− «جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى سەپسەتىسى»نىڭ جىمىقىدىغان ۋاقتى كەلدى

جۇڭ شېڭ

  يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر خەلقئارادا ھە دەپ: «بىز <ئادالەتسىز مۇئامىلە>گە ئۇچرىدۇق، جۇڭگو <ئادالەتسىز ئەۋزەللىك>كە ئېرىشتى»، «جۇڭگو <ئامېرىكىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى>»... دەپ قاقشاپ، دەردى كۆپ، نەپرىتى كۈچلۈك قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىچى قارىلىق بىلەن توقۇپ چىققان «جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى سەپسەتىسى» ئەمەلىيەتتە دەل ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى بىلەن شۇغۇللىنىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى بېسىش ۋە توسۇشىغا «ھەققانىيەت تونى»نى كىيگۈزۈش ئۈچۈندۇر.

  بۇ ئىككى يىلدا، ئامېرىكا تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە قايتا - قايتا ئويۇن ئويناپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ جۇڭگونى ئەيىبلىدى. 2018- يىلى 3- ئايدا، ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتىلغان «301 تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ: «جۇڭگودا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى مەۋجۇت»، دەپ جار سالدى. گەرچە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئامېرىكا تەرەپ توختىماي تەگەۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى: «جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قىلمىشى سودا سۆھبىتىگە خىرىس شەكىللەندۈردى» دېدى. گەرچە ئامېرىكا تەرەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاۋاتقان، بەكلا چىچاڭشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك، سەمىمىي تەلەپپۇزدا قەسەم بېرىۋاتقاندەك، سۆزى ھەقىقەتكە ئۇيغۇندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن پاكىت ھامان پاكىت، يالغان گەپ ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، «جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى» دېگەندەك ۋاتىلداشلارنىڭ پۈتۈنلەي تۇتامى يوق بولۇپ، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىشەنسۇن؟

  بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خۇددى شۇنداق ئىش بولغاندەك: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ «نەچچە يۈز مىليارد دوللار»لىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى، دېدى. ئەمەلىيەتتە بۇ سانغا ناھايىتى كۆپ ئامېرىكىلىقلار دىمىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ. كىشىلەرنىڭ پەقەتلا پەرەز قىلالمايدىغىنى، بۇنداق سان زادى قانداق ھېسابلاپ چىقىلغان؟! بۇ ساننى پەقەت ساننى چوڭايتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارى بار مەلۇم تالانت ئىگىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىن خىيال قىلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ! ئىلگىرى كىمدۇ بىرى: يالغان گەپنى مىڭ قېتىم تەكرارلىسا ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ، دېگەنىدى. قارىغاندا ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ھازىرغىچە يەنىلا بۇ گەپكە ئىشىنىپ يۈرگەندەك قىلىدۇ.

  بۇنداق ئەقىلگە سىغمايدىغان ساننى پەقەت ئەقلى جايىدا ئەمەس ئىختىساسلىقلارلا توقۇپ چىقىرالايدۇ. «301 تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا دەۋاگەر، ساقچى، تەپتىش ئەمەلدارى، زاسېداتېل، سودىيە قاتارلىق نۇرغۇن روللارنى ئېلىپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئەھۋالىنى باھالىدى ۋە ئەيىبلىدى، خىيالىغا كەلگەننى قىلىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈردى، ئۇلارنىڭ تايانغىنى قۇرۇق پەرەزلا تۇرسا، ئادىل بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر تەكشۈرۈش تەسەۋۋۇر ھەم تاللاش خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلسا، ئۇ بىر فانتازىيەلىك ھېكايە بولۇپ قالىدۇ! ئامېرىكا تەرەپ بۇنى كۆڭلىدە ئېنىق چۈشەنسىمۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ يولسىز ھەرىكىتىگە دەبدەبىلىك باھانە تاپماقچى خالاس.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش. بۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ چوڭ رىغبەت. نەچچە ئون يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئاڭدىن قانۇنچىللىق مۇھىتىغىچە، يەنە ئەمەلىي قوغداش سالمىقىغىچە، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلدى. ئاللىبۇرۇنلا «مەندىن قوغداشنى تەلەپ قىلىش»تىن «مەن قوغدايمەن»گە تەرەققىي قىلدى.

  جۇڭگو بىر يۈرۈش بىرقەدەر مۇكەممەل، يۇقىرى ئۆلچەملىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۇنيادا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى، بولۇپمۇ پاتېنت دېلولىرىنى ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى. 2018- يىلى، جۇڭگو تاشقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تۆلىگەن ھەق 35 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 4- چوڭ پاتېنت ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى. يېقىندا يۈزبەرگەن بىر ئىش ئېھتىمال كۆپچىلىكنىڭ ھېلىمۇ يادىدا بولۇشى مۇمكىن: ئالما شىركىتى بىلەن گاۋتۇڭ شىركىتى ئارىسىدىكى پاتېنت ئىجازەت ھەققى ماجىراسىدا، ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودا نۇرغۇن قېتىم دەۋالاشتى. ئامېرىكا كارخانىلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئادالەت كىشىلەر قەلبىدە. جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى بارغانسېرى كۆپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە « ئىقتىسادشۇناسلار» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقاندەك ياخشىلاندى، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغۇچى ئەمەس، بەلكى قوغدىغۇچى. 2016- يىلىدىن بۇرۇنقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ دوكلاتلىرىدىمۇ جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پائال مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. لېكىن، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتا ئوتتۇرا ئوقنى ئاساس قىلىپ زور بۇرۇلۇش قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىدى، ئۇلارنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، سىياسىي بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، دېيىشكىلا بولىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئەسلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدىكى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ قولىدا سىياسىي قورالغا، باشقا دۆلەتلەرنى چەكلەيدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالدى، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرىدىغان ئۇيات لاتىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى جەريانىدا، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرى ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، بۇ، بازار كېلىشىم ھەرىكىتى بولۇپ، چەت ئەل كارخانىلىرى ھەممىگە ئايان بولغان نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا مەسىلە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا قانۇن يولى بىلەن ئۆزلۈكىدىن ھەل قىلغىلى تامامەن بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى «كالتەك»ىنى قالايمىقان پۇلاڭلىتىشى مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئىناۋەت ئېڭىنى ئىنكار قىلغانلىق، كېلىشىم روھىنى ئىنكار قىلغانلىق، بازار قانۇنىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىق. بەزى ئامېرىكىلىقلاردا بىر غەلىتە لوگىكا بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىۋاسىتە ھالدا بۇ غايەت زور سانلار يىغىندىسىنى باشقىلار تەرىپىدىن «ئوغرىلاپ كېتىلدى» دەۋېلىش.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەقىقەت جاھان سورايدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيادا «ئوغرىلاش»قا تايىنىپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرمۇ دۆلەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ. كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا: ئامېرىكا «ئوغرىلاش»قا تايىنىپ تەرەققىي قىلغانمۇ؟ ئامېرىكا «ئوغرىلاش»قا تايىنىپ تەرەققىي قىلالامدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويىدۇ. ئېھتىمال ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر بۇنى دەرھال ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جۇڭگولۇقلار پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكىدىكى بەزى تۇتامى يوق كىشىلەر جەزمەن كۈچلۈك شەرق شامىلىدا تارىخ سەھنىسىدىن ئۇچۇرۇپ تاشلىنىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى