تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئادەمگە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان كىيىملەر

    كۆك، ئاق يوللۇق كوپتا ئالدىنقى ئىككى پەسىلدە مودا بولدى. كۆك، ئاق يوللۇق كوپتىنى ماسلاشتۇرۇش ئاسان بولۇپلا قالماي، يامغۇرلۇق كۈنلەردە كىيىشكە تولىمۇ باب كېلىدۇ. بۇ خىل كوپتىنى كىيگەندە ئۈستۈنكى بىر ياكى ئىككى تۈگمىسىنى ئېچىۋەتسەك، يارىشىملىق ھەم مودا كۆرۈنىدۇ.

    ئاق رەڭلىك كىيىمگە قايماق سېرىقى، ئاقۇچ سېرىق، ئوچۇق سېرىق قاتارلىق بىر يۈرۈش سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى ماسلاشتۇرغاندا كىشىگە يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

    يامغۇرلۇق كۈنلەردە سىرتقا چىققاندا، چىرايىمىز بىلەن چاچ پاسونىمىزنى كۈنلۈك توسۇۋالىدىغان بولغاچقا، سېرىق ياكى گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىۋالساق يامغۇرلۇق كۈندىكى بىر گۈزەل «مەنزىرە»گە ئايلىنىمىز.

    پارقىراق يېشىل رەڭلىك كىيىملەر قۇياش نۇرىدا  كىشىگە ئوخشاشلا راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ.

    يازدا سۇس كۆك رەڭ بىلەن سۇس ھال رەڭ كىيىم كىيگەندە ئادەمگە سالقىن تۇيغۇ بېرىدۇ.
   

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى