5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنىدە، ساياھەتچىلەر كىگىز بېسىش ھۈنەر-سەنئىتى سىڭدۈرۈلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا (شېنجېغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ جو فوتوسى)
شىنجاڭ تورى (شېنجېنغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر ليۇ ۋېي) 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ــــ 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى بولۇپ، ئۈرۈمچى كۆزگەزمە سارىيدىكى رەڭگارەڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئۈرۈمچى كۆرگەزمە سارىيى ئىجادىي تۇرمۇش كۆرگەزمە رايونىدا، كىگىز بىلەن يىپەك بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يېپىنچا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئۈرۈمچى جىنلۈ سەھنە كىيىم-كېچەكلىرى مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى، لايىھەلىگۈچىسى لى دەنياڭ كىيىملەر ئارىسىدىن يېڭىدىن لايىھەلەپ، كۆرگەزمىگە ئېلىپ كەلگەن كىگىز-يىپەك يېپىنچىنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: كىيىم-كېچەكمۇ بىر جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ئىلگىرى بىز كىيىم-كېچەك نۇسخىلىرىغا كۈچ سەرپ قىلغان، بۇ قېتىم رەخت، مەدەنىيەت جەھەتكە كۈچەپ، كىگىز بېسىش تېخنىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كىيىم-كېچەكتە ئەكس ئەتكەن مەدەنىيەت بەلگىسى ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئېسىدە قالدۇرىمىز.»
شىنجاڭ يىپىنشيۇنىڭ مەسئۇلى چيەن مېيرۇڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، يىپەك يولى قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىدىن ئىلھام ئېلىپ، بىر تۈركۈم كەشتە ياستۇق، سومكا لايىھىلەپ، كۆرگەزمىدە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.