مۇزلارنى يېرىپ پورەكلەپ ئېچىلغان چىغىرتماقگۈل. (سۈرەتنى ساياھەتچى تەمىنلىگەن)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ): 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە قومۇل باركۆلدىكى مىڭشاشەن تېغى مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى چىغىرتماقگۈللەرنىڭ مۇزلارنى يېرىپ پورەكلەپ ئېچىلغان سۈرەتلىرى تارقالدى، مۇخبىرنىڭ شۇ يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى ياغقان قار، گۈللەرنىڭ مۇزنى يېرىپ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن.
سۈرەتنى تارتقان ساياھەتچى ۋۇ ئەپەندى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ قومۇل باركۆلدىكى مىڭشاشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، خۇڭشەنكوۋ سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا قىزىل، سېرىق چىغىرتماقگۈللىرىنىڭ مەرۋايىتتەك قار - مۇزلار ئارىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، سەل يىراق جايدىكى يايلاقنىڭمۇ قار – مۇزلار ئارىسىدا تېخىمۇ يېشىل، روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرغانلىقىنى، يىراقتىكى تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغنى كۆرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونى ئارقىلىق بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتقانلىقىنى ئېيتتى. ۋۇ ئەپەندى: «مىڭشاشەن تېغى مەنزىرە رايونىدىن قايتقاندا، كەچكى شەپەق ئاسماننى قاپلىدى، ئاسماندىكى ھال رەڭ بۇلۇتلار تولىمۇ چىرايلىق ئىدى»، دېدى.