تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئالامەت ‏

  يۇقىرى قان بېسىمى قان بېسىمى ئۆرلەشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ باش ئاغرىش، باش قېيىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ھالقىلىق ئەزالار شۇنداقلا پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىل كىسەللىك ئالامىتى ياكى بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى بايقالسا، بەزى ئەزالاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك.

  1. يۈرەك سېلىش، كۆكرەك ئاغرىش، تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىش: ئەگەر يۈرەك سېلىش كۆرۈلسە، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، دالانچە تىترەش، يۈرەك بالدۇر سوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈزبەرگەن - بەرمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛ كۆكرەك ئاغرىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، ھەتتا ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى كېسەللىكى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق بولسا يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىنمۇ ئوشۇق ئىششىپ قالىدۇ.

  2. باش قېيىش، باش ئايلىنىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، پۇت - قول ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى ئۇيۇشۇش: بۇ خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ياكى كۆز ئاستى ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر.

  3. كۆز قاپىقى ئىششىش، كېچىدە كۆپ سىيىش، قان سىيىش ياكى كۆپۈك سىيىش: بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈزبەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەت ياخشى تىزگىنلەنمىگەن يۇقىرى قان بېسىمى ئاسانلا بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ.

  4. ئىككى ئۈستۈنكى بىلەك قان بېسىمنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇش ياكى ئۇزاق يول ماڭسا پۇت ئاغرىش: ئىككى ئۈستۈنكى بىلەك قان بېسىمى پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولسا، ئادەتتە يۇقىرىقى مۈچە ئارتېرىيەسىنىڭ تارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئۇزاق يول مېڭىپ پۇت ئاغرىسا، بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن سەل ياخشىلانسا، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى تارايغان بولۇشى مۇمكىن.  

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى