تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] 6-ئايدا جېمىنەيگە كېلىپ سەرخىل پائالىيەتلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ يىيۈەن): 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، «گۈزەل شىنجاڭ» 2019 جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى دالىدا قونۇش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو دالا ئاپتوموبىل كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى (جېمىنەي يايلىقى شىچېڭ بېكىتى) ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، دالىدا قونۇش پائالىيىتىدە ماھارەت تەنتەربىيەسى، ئاۋام بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئويۇن قويۇپ كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەنتەربىيە تۈرى تەسىس قىلىنغان. ئوقيادا ھۇجۇم قىلىش ۋە يا ئوقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئويۇنى، ئاۋام سەھنىسى، ئارقاندا مېڭىش قاتارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن تۈرلەر ئاساسىدا، قىياغا-تاشقا يامىشىش مۇسابىقىسى، دوۋدىجۇ ئويۇنى، خوگو مۇسابىقىسى قاتارلىق يېڭى تۈرلەرمۇ قوشۇلغان. جېمىنەي يايلىقى شىچىڭ مەنزىرە رايونىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دالا ئاپتوموبىل كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە يۈزگە يېقىن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرىنى جەلپ قىلىش مۆلچەرلەنگەن.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى ياشلار-ئۆسمۈرلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ شياڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىللىق پائالىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ، كۆپ بېكەتلىك، كۆپ خىل دالا تەنھەرىكىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دالىدا قونۇش پائالىيىتىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئاچىمىز».

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى