تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ سەييۈن خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق مەيدانىدىكى ماۋ جۇشى قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغان ھەيكەل ئاستىدا، چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل «گۈللەنگەن دەۋردە بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش»قا ئەگىشىپ، 2019-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىنى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئېچىلدى.
جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ شۆبە يىغىنى مەيدانى
جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ شۆبە يىغىنى مەيدانى
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە 13 شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان. ئۆتكۈزۈلگەن 187 تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتىدە، قىزىل ساياھەت 14 تۈر، ئىستىراھەت دەم ئېلىش ساياھىتى 41 تۈر، فوتو سۈرەت ساياھىتى 15 تۈر، ئالاھىدە ساياھەت 19 تۈر، تەتقىقات، ئۆگىنىش ساياھىتى 13 تۈر، باش تېمىلىق مەدەنىيەت باغچىسى 20 تۈر، ساياھەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتى 16 تۈر، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى 49 تۈر ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى 112 تەدبىرىدە خەلقئارا ساياھەت كۈنىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەنزىرە رايونلارنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىش، ھەقسىز ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئاممىغا يۈزلەنگەن ئېتىبار بېرىش تەدبىرىدىن 48ى بار ئىكەن. نارات، كۆكتوقاي قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا قىلىنغان؛ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىق ئىلغار كىشىلەر توپىغا يۈزلەنگەن ساياھەت مۇكاپاتى بېرىشتەك ئېتىبار بېرىش تەدبىرىدىن 15ى يولغا قويۇلغان؛ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىدىن 21ى، باشقا مەدەنىيەت، ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىدىن 9ى بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە ساياھەتچىلەر قېتىم سانى %56، ساياھەت كىرىمى %58 ئاشقان، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بۇ خىل ئېشىشنى فونتانسىمان ئېشىش دېگەن، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئېشىشى 10 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىدۇ، شىنجاڭ پۇقراۋى قونالغۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئالاھىدە ساياھەت، قىشلىق ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىغا ئىگە، دەپ باھالىغان.