تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-سىنگاپور ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ): 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 09:45 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-سىنگاپور ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قاتنىغان UQ2661 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:15تە سىنگاپور جاڭيى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. بۇ، بۇلتۇر قاتناش باشلىغان ئۈرۈمچى-ئىركۇتسك پەسىل خاراكتېرلىك خەلقئارا ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئاچقان تۇنجى قەرەللىك خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن لۇخەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان ئەترىتى كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ، ھاۋا يولى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىش يولىدىكى ئالمىشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۈرۈمچىنى دۆلەت ئىچىگە يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا، غەربىي جەنۇبىي ئاسيا ۋە ياۋروپا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-سىنگاپور ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچى، ۋۇخەن، سىنگاپوردىن ئىبارەت «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى ئۈچ تۈگۈن شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ساياھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى، خادىملار بېرىش-كېلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارالىشىش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ئىچىدە تور ھاسىل قىلغان، شەرق-غەربكە كېڭەيگەن، غول-تارماق لىنىيەلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، ياۋروپا-ئاسىيانى تۇتاشتۇرغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى روياپقا چىقىرىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى