5-ئاينىڭ 17-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىياڭخې ناھىيەسىدىكى دېھقانلار مۇزېيىدا، ئوقۇغۇچىلار يېزىدا قۇدۇقتىن سۇ تارتىشتا ئىشلىتىلىدىغان چىغرىقنى سىناپ باقماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خېبېي ئۆلكىسى شىياڭخې ناھىيەسى شەھەر ئىچىدىكى 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىلللەپ شىياڭخې دېھقانلار مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇلار يېزا تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھېس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى)
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىياڭخې ناھىيەسىدىكى دېھقانلار مۇزېيىدا، ئوقۇغۇچىلار يېزىلاردا ئۇن تاسقاشتا ئىشلىتىدىغان غەلۋىر قاتارلىق سايمانلارنى سىناپ باقماقتا.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىياڭخې ناھىيەسىدىكى دېھقانلار مۇزېيىدا، خىزمەتچى خادىم ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى نوغۇچ، چوكا قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى قولدا ئىشلىتىلىدىغان ئىستانوكىنى كۆرسەتمەكتە.