5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ياخشى بولدى، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن سەھەر چىقىپ بەدەن چېنىقتۇردى.
مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: يېڭى بىر ھەپتىدىكى يېڭىچە ھاۋارايى، خەيرلىك سەھەر، سۆيۈملۈك دوستلار. شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم دوستلار، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى دوستلار قېلىن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئاخىرى كالتە يەڭ كىيىملەرنى كىيەلەيدىغان بولدى.
بۈگۈن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغقاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.