تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرى شىنجاڭنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى

شېنجېن مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يىغىنىدا

مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرى شىنجاڭنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، 15- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم تۈرلىرىدە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرى شىنجاڭنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئىمزالىغان تۇنجى چوڭ كېلىشىم ــــ سوممىسى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان «جۇڭخۇا . يىپەك يولى باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى» ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا ماكانلىشىدۇ، بۇ تۈر ھازىرغىچە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ باش تېمىلىق شەھەر ساياھەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭخۇا . يىپەك يولى باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى» سىناپ كۆرۈش شەكلىدىكى سەيلە - تاماشا باغچىسى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى كارتون چاتما فىلىمى «چۈش كۆرۈشكە ئامراق ئۆسمۈر»دىكى ۋەقەلىك ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۆسمۈر باش پېرسوناژنىڭ رىۋايەت بىلەن تارىخ ئوتتۇرىسىدا زاماندىن ھالقىشى، يىپەك يولى ئىزىنى ئىزدىشى، چوڭ تىپتىكى يىپەك يولى كارۋانلىرىغا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشى ھەم قاتنىشىشىدەك ئاجايىپ سەپىرى نامايان قىلىنغان، ساياھەتچىلەر سەيلە - تاماشا باغچىسىدا بۇنىڭغا قاتنىشالايدۇ ۋە ئۇنى سىناپ كۆرەلەيدۇ. بۇ تۈرگە مەبلەغ سالغان شىنجاڭ جىنماۋ يىپەك يولى شادلىق باغچىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ سۇڭرۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ باش تېمىلىق شادلىق باغچىسىدا كارتون، رەقەملىك كۆڭۈل ئېچىش ۋە يىپەك يولى مەدەنىيىتى تولۇق يۇغۇرۇلغان، بۇ باغچە ھەم ئاجايىپ قىزىقارلىق، ھەم چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىنتىلىدىغان قىزىق نۇقتا. 600 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىغان شىنجاڭ ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىگە ئۈرۈمچى گاۋشىن مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭ شىنبەن كاپىتال مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئورتاق مەبلەغ سالغان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئۆي ئاپتوموبىل، ئائىلە ئاپتوموبىل لاگېرىدىن 64نى، ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان ئالمىشىش لاگېرىدىن 20نى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشنى ھەم ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال تۆت ئايلانما لىنىيەدە تىجارەت تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلىدى.

  ئۈرۈمچى گاۋشىن مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى پېڭ لياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇشتا تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز بۇ تۈر ئارقىلىق ئۆي ئاپتوموبىل دالا لاگېرى كەسپىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تۈرلەردىن يەنە «تەسىرات . ئۈرۈمچى» بار، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 1 مىليارد 50 مىليون يۈەن. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ياسى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئېرگېڭ مەدەنىيەت تاراتقۇ (شېنجېن) چەكلىك شىركىتى بىلەن 5 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، «تىيانشان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالماقچى. شىنجاڭ خۇاتې ئۇچۇر تورى پاي چەكلىك شىركىتى چاڭدې چۇاڭيۈەن رەقەملىك تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن 10 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، «خىيالىي غەربكە سەپەر» ناملىق كارتون فىلىمنى ئىشلىمەكچى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك شېنجېن مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يىغىنىدا، شىنجاڭ سارىيى جەمئىي 210 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىغان، ئۈرۈمچى سارىيى 2 مىليارد 910 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى