تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇش كىشىلىك ھاياتنى جۇلالاندۇرۇش

لى لىن

  «نېمە ئۈچۈن كۆزلىرىمگە دائىم ياشلار تولىدۇ؟ چۈنكى مەن بۇ زېمىننى چوڭقۇر سۆيىمەن...» شائىر ئەي چىڭنىڭ بۇ مىسرالىرى دەل قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدىكى بۇ ياشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى يەشمىسىدۇر.

  ئۇلار بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. بۇ يەر ئۇلار تۇغۇلغان ۋە ئۇلارنى بېقىپ ئۆستۈرگەن جاي، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جاي. ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ھەم ئۇلارنىڭ چىن ھېسسىياتىدىن كەلگەن، ھەم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقى ۋە يېتەكلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت دەرىجىلىك زاپاس ياش كادىرلارغا قارىتا يولغا قويغان ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ياشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارغا كىشىلىك ھاياتنى جۇلالاندۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى.

  شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ياشلار چوقۇم بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ھەيۋەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى يېزىپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى