تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خۇش ھىد تارقاتقانلار خۇش پۇرايدۇ، سېسىق ھىد تارقاتقانلار سېسىق پۇرايدۇ

ــــ «جۇڭگو تېخنىكىسى زىيانلىق سەپسەتىسى»نىڭ جىمىقىدىغان ۋاقتى كەلدى

جۇڭ شېڭ

  يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر نام ئابرۇيلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ياساش كارخانىسى بولغان خۇاۋېي شىركىتىگە قىسمەن 5G تورىنى ئېچىۋېتىش ئويىغا «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىپ، بۇ قىلمىش جۇڭگونىڭ «كەلگۈسىدىكى ئالاقە تورىنى كونترول قىلىشى» ھەم «بىت ۋە بايتتىن پايدىلىنىپ غەرب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى پارچىلىشى» ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ تۆھمەت قىلدى. يېقىندا، ئامېرىكا يەنە تەتۈرلۈك قىلىپ خۇاۋېي شىركىتىنى «ئېنىقسىز ئەمەلىي گەۋدە» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كۈچىنىڭ بارىچە بېسىم قىلدى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى جاپاغا قارىماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاتراپ، تەرەپ - تەرەپتە «جۇڭگو تېخنىكىسى زىيانلىق سەپسەتىسى»نى بازارغا سېلىپ، جۇڭگولۇق پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ بارلىق كەشپىيات، ئىجادىيەتلىرىگە بىر خىل جاھىل، تەلۋىلەرچە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قاراپ، بىزگە توختىماي خىلمۇخىل قارا چاپلىدى. بىراق، ئىنسانلار ئارىسىدا ئەزەلدىن ھەققانىيەت مەۋجۇت، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، بەزىلەرنىڭ قانداق قارا چاپلىشىدىن قەتئىينەزەر، خۇش ھىد تارقاتقانلار خۇش پۇرايدۇ، سېسىق ھىد تارقاتقانلار سېسىق پۇرايدۇ.

  «جۇڭگو تېخنىكىسى زىيانلىق سەپسەتىسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىش ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا بولغان چۈشىنىپ بولمايدىغان ھەسەتخورلۇقى، شۇنداقلا بىر خىل سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشنىڭ باھانىسى بولۇپ، تېخنىكا تەھدىت تۈسى ۋە سىياسىي تەھدىت تۈسىنى تەڭ ھازىرلىغان، بىراق سىياسىي مۇددىئا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئاستىلىتىش ئۇلارنىڭ ھەقىقىي غەرىزىدۇر.

  گېرمانىيە پاتېنت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شىركىتى IP1yticsنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3- ئايغىچە، 5G خەۋەرلىشىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەملىك زۆرۈر پاتېنت ئىلتىماس مىقدارىدا، جۇڭگو %34.02 نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ھالبۇكى ئامېرىكىنىڭ ئۈلۈشى ئاران %14 بولغان. بۇ دەل بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى. ئامېرىكا ئەمەلدارى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا «5G ئامېرىكا چوقۇم يەڭمىسە بولمايدىغان نۆل يىغىندىلىق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى» «5G تورىنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۆزىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى»نى پەن - تېخنىكا ساھەسىگە كېڭەيتىپ، كىچىك چەمبىرەكنى قامال قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى بوغۇش غەرىزىنى ئاشكارىلىدى. بۇ دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق! يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە تايىنىپ ھەممە يەردە كۆز بويامچىلىق قىلغانلىق، ئالدامچىلىق قىلغانلىق، سىياسىيغا تايىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا بېسىم قىلغانلىق، توسقۇنلۇق قىلغانلىق، بۇ پەقەت كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ رەزىل پىسخىكىسى ۋە يىرگىنچلىك ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى خالاس.

  2018- يىلى، جۇڭگونىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 4 مىليون 180 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، دۇنيادا 1- ئورۇندا تۇردى؛ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى؛ كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %58.5كە ئۆسۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە 17- ئورۇندا تۇردى... بۇ رەقەملەردە جۇڭگونىڭ دۇنيا زاۋۇتىدىن دۇنيا دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا قاراپ قەدەم باسقانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ پاكىتلارغا جۇڭگو خەلقىنىڭ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئېنېرگىيەسى يۈكلەنگەن. نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى «تەھدىت» دېيىلىدۇ؟ ئەگەر بۇ «تەھدىت» دېيىلسە، شۇنچە كۆپ ئۆتكۈر تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟! ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا ئەزەلدىن بېخىللىق قىلغان ئەمەس. بەزىلەر ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيانى كۆزىتىۋاتىدۇ، تىزگىنلەۋاتىدۇ، دېدى. سنوۋدېن ئاشكارىلىغان ئەينەن ئەھۋال كۆز ئالدىمىزدىلا! ئامېرىكىلىقلارنىڭ لوگىكىسى − بىز پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ يامان ئىش قىلدۇق، باشقىلارمۇ مۇقەررەر شۇنداق قىلىدۇ! بۇ ھەقىقەتەنمۇ پەسنىڭ نىيىتى ئارقىلىق ئالىيجانابنىڭ كۆڭلىنى ئۆلچىگەنلىك!

  جۇڭگو ئۆزىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا بەخت يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت زاتلىرىنىڭ سەمىمىي ماختىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بايلىق كەمچىل رايون ئۈچۈن يېتىشتۈرگەن «يېشىل دەرىجىدىن تاشقىرى شال» 18 دۆلەتتە سىناق تېرىلىپ كېڭەيتىلدى، جۇڭگولۇق ئالىملار بايقىغان كۆك ئەمەن ماددىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى... پايانسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «چاڭئې 4- نومۇر» ۋەزىپىسىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە پەن - تېخنىكا ئادىمىيەت ئالاقىسى، بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرۇش، پەن - تېخنىكا باغچە رايونى ھەمكارلىقى، تېخنىكا يۆتكەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تەدبىرنى ئالغا سىلجىتىشقا ۋەدە بەردى. جۇڭگونىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقىنى ئىشەنچ ۋە پۇرسەت. جۇڭگو تېخنىكىسىنىڭ دۇنياغا سېلىپ بەرگىنى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش كۆۋرۈكى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىدا، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇش ھىدىنى پۇرىدى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى خالىغانچە قارىلاش، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك بۇس - تۈتەكلەر قاپلىغان غەيرىي سېسىق ھىدىنىمۇ پۇرىدى!

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىنى قايتا سىزماقتا، پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم يەر شارىۋى نەزەر بولۇش كېرەك. قەستەن «پەن - تېخنىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قوزغاپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىپايان زېمىنىدا «تۆمۈر پەردە» تارتىشقا ئۇرۇنۇش پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. «مۇستەھكەم توسۇق ئورنىتىشتىكى ھەرقانداق غەرەز ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئىلگىرىكى تېخنىكىنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى قايسى تېخنىكىنى تىزگىنلەشنى قارار قىلىش بولسۇن ياكى بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش بولسۇن، ھەممىسى ئىنتايىن مۈشكۈل.» ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى جامۇس سىترابېرگنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى «جۇڭگو تېخنىكىسى زىيانلىق سەپسەتىسى»نى تەرغىب قىلغۇچىلارنى قايتا ئويلاندۇرۇشى كېرەك. پەقەت ئوچۇق يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. يەر شارىۋى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى پاتقاققا سۆرەپ كىرىدىغان ھەرقانداق غەرەز چوقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مۇقەررەر قارشىلىقىنى قوزغايدۇ.

  «چۆكۈپ كەتسە بىر كېمە، كېتىۋېرەر باشقىسى، قۇرۇپ قالسا بىر دەرەخ، كۆكلەۋېرەر باشقىسى.» ھەرقانداق ئادەم جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يولىدا پۇتلىكاشاڭ، توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنسا، ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، شۇنداقلا جەزمەن قۇرۇق ئاۋارە بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى