تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1000 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى شىنجاڭ تارىخىنى بايان قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېڭىدىن «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى

1000 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى شىنجاڭ تارىخىنى بايان قىلدى

5- ئاينىڭ 18- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ تەبىئەت كۆرگەزمە زالىدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي يىپەك يولى تارىخى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى، دۆلەت مۇزېيىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاش، كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى رەقەملىك ھېس قىلىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزېي بىلەن ئامما يېقىن ئارىلىقتا ھەمتۈرتكە بولۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى. (ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يىڭچۇن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»دە، «مەدەنىيەت تۈگۈنى بولغان مۇزېي: ئەنئەنىۋى كەلگۈسى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىر تەرەپتىن يېڭى كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن دۆلەت گۆھىرىنى ئىزدەپ، قويۇق ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى كەيپىيات ئىچىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.

  شۇ كۈنى، بۇ مۇزېي «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىز تومۇرى بىلەن شىنجاڭ تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە سىڭدۈرۈپ، كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان توقۇلما بۇيۇملار، قەغەز، كۆن - خۇرۇم، ياغاچ جابدۇق، ساپال بۇيۇم قاتارلىق 1000 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمە قىلدى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، ئەقلىي ئويۇن، ھەمتۈرتكىلىك ئويۇن قاتارلىقلارنى قىستۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش، دەپ باھالانغان جېمىنەي تۇڭتيەندۇڭ خارابىسى، كۇچا دوستلۇق يولىدىكى جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىدىكى خىش قەبرە قاتارلىق خارابىلەردىن قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك ساپال بۇيۇم، ھۆججەت ۋە نەپىس كىمخاب، تام رەسىمى قاتارلىق 105 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۇنجى قېتىم ئاممىغا كۆرگەزمە قىلىندى.

  «تام رەسىمدىكى ھېكايە» ــــ كۈسەن تام رەسىملىرىنى قۇراشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 81- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدىكى 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىر تەرەپتىن رەسىملەرنى قۇراشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كۈسەن تام رەسىملىرىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلىمىنى ئاشۇردى.

  «مەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا دۆلەت گۆھىرىنى ئىزدەيمەن» پائالىيىتى كۆپلىگەن تاماشىبىننى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى نەچچە مىڭ پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىچىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش پىروگراممىسى «دۆلەت گۆھىرى» ئىككىنچى قىسمىدا تونۇشتۇرغان ئۈچ دۆلەت گۆھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، يەنى شايى كىيىملىك رەڭلىك نەقىشلىك ياغاچ ھەيكەل، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب يەڭلىك ۋە فۇشى نۈۋانىڭ كۆرۈنۈشلۈك شايى رەسىمىنى تېپىپ چىقىپ، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇدى، يەنە ھاياجانلىنىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، سۈرەتنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئۆز تەسىراتلىرىدىن بەھرىلەندۈردى.

  شۇ كۈنى، بۇ مۇزېينىڭ كۆچمە مۇزېيى يەنە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مول ۋە نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۈرەتلىرىگە قوشۇپ بېرىلگەن ئاددىي، چۈشىنىشلىك يېزىقچە ئىزاھات، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قالتىس چۈشەندۈرۈشى يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، بىر قېتىملىق جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى