تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

5- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىدا ھازىر ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھەم مۇناسىۋەتلىك كەسىپ كارخانىلىرىدىن 20سى بار بولۇپ، ئالتۇن، ئېسىل قاشتاشنى لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، كۆرگەزمە قىلىش، سودا قىلىش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ توپلىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئوسمانىي ئالتۇن - كۈمۈش، زىبۇ - زىننەت پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىدە چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇلى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. قەشقەر يوپۇغا ناھىيەسىدىن كەلگەن 22 ياشلىق نۇرگۈل بارات ۋە ئېرى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن، ئۇلار بۇ يەردىكى خىزمىتى، تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ كەيۋو يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە چېن چۈەنگو تۈر قۇرۇلۇشى، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جېنى، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇلى بىلەن ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، غەمخورلۇق قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دورىگەرلىكى تارىخى ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ مىللىي تېببىي دورىگەرلىكى دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، زامانىۋى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ جۇڭگو تېبابىتى مىللىي تېببىي دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك ماركا يېتىشتۈرۈپ، كۆلەمنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ توپلىنىشى، سىياسەت - تەدبىرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ مايىللىشىشى، خىزمەت كۈچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سېلىنما ئىستېمالىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاڭ چۇنلىن، ۋەن خەيچۇەن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.