تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەرقانداق بىر خىل مەدەنىيلىك كۆچمە، ئوچۇق بولىدۇ، بۇ، مەدەنىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇھىم قانۇنىيىتى. ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشقا مەدەنىيلىك بىلەن ئالماشتۇرۇلۇش داۋامىدا مول ئوزۇققا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  «كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.» ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى شەرھلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جانلانغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

  «ھەر خىل خۇرۇجلار قوشۇلسا، شورپا تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.» جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئېچىۋېتىلگەن سىستېما. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا ئەل بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ھەممە ئەل بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىل تۇتقان يولى بولۇپ كەلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ روشەن قىممەت يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى خىسلىتى بولۇپ كەلدى، يول تۇتۇشتا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىچكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىدىيەسى بولۇپ كەلدى.» تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگونىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى، مىلتىق دورىسى، مەتبەئە تېخنىكىسى، كومپاسى، ئاسترونومىيەلىك كالېندارى، پەلسەپە ئىدىيەسى، خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى قاتارلىقلارنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارى بار، مەسئۇلىيىتىمۇ بار.

  ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان مىللەت. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۆزگىرىشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، بىراق ئۇ باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشىنى جۇغلىدى، بۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مول ئوزۇقلۇق. دۇنياغا نەزەر سالساق، ھەربىر خىل مەدەنىيلىك بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا موھتاج، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج. دەۋرنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى بويىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرلىك ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامان - ماكان ھالقىغان، دۆلەت ھالقىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە باي، ھازىرقى زامان قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنى جانلاندۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مول، رەڭدار مەدەنىيلىك بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنى توغرا مەنىۋى يېتەكچى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەممىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئەزەلدىن يەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا سىغدۇرۇش ھەم ئۆزئارا توپلاش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. تارىختىكى بۇددا دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشى، «ئىسلام دىنى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلۈشى»دىن تارتىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى «غەرب ئىلىم - پەن ئىدىيەسىنىڭ شەرققە تەدرىجىي تارقىلىشى»، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى، ماركسىزم ۋە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگىچە، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشقىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جانلاندى. مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىققا تولىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان ھەر خىل مەدەنىيلىككە نىسبەتەن، بىز ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق تەركىبلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مەدەنىيلىك ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت گېنىنى زامانىمىز مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ كەمچىلىكنى تۈگىتىش، ياخشىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، ساختىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قالغاندىلا، قالتىس مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ چاقناتقىلى بولىدۇ.

  «دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى». بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى. تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشقاندىلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشقۇزۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى