تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان، ئۆلچىمىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش نىشان، ئۆلچىمىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە يىغىنلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى تۈزىتىش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، بۇ دەل ئەڭ كۈچەيدىغان مەزگىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى بىلەن، بىر ھالقا - بىر ھالقىدىن تۇتۇپ، ئارقا - ئارقىدىن بازغانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشان، ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، مۇتلەق نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەتنى سىجىل دەل جايىدا يولغا قويۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تۈپ تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەخسۇس تۈر بويىچە كۆزىتىش ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىشتە، بىرى تۈزىتىلسە بىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، بىرى مۇستەھكەملەنسە، بىرىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگىچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ساختا شەكىلدىكى» «ھېسابات شەكلىدىكى» «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» «تۇراقسىز شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامرات ئاھالىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، بايلىق ۋە كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.