تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇش ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسى

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ مەدەنىيلىكنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشىنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

  ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ بىر تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تۇتاشقان ئاسىيا قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇش ھەم ئۆزئارا توپلاش، سىڭىشىپ بىللە تۇرۇشتەك جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى، كەڭ دۇنياۋى نۇقتىئىنەزەر، چوڭقۇر ئادىمىيەت مېھىر - مۇھەببىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى يېقىن بولۇپ، ئوخشاپ كېتىدىغان تارىخىي مۇھىتقا، ئوخشاش ئارزۇ - ئىنتىلىشقا ئىگە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان دىنلار مۇجەسسەملىشىپ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، رەڭدار ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلانماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈمىدكە تولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر. پەقەت ھەم ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەم مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانغىلى بولىدۇ.

  «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇش» «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس دەل ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشتىكى جۇڭگو لايىھەسى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، مەدەنىيلىك پەقەت رەڭدارلىق ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ يۇقىرى - تۆۋەن، ياخشى - يامان دەپ ئايرىلمايدۇ. پەقەت باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز مەدەنىيلىكىمىز ۋە باشقا مەدەنىيلىكنىڭ پەرقىگە بولغان تونۇشىمىز، چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرساقلا، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولالايمىز. ھەربىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ھەممىسىدە ئىجادىيەت گۈزەللىكى نامايان قىلىنىدۇ، پەقەت ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيلىكىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغان، ھەم باشقا دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەندىلا، ئاندىن دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرغىلى بولىدۇ. مەدەنىيلىك ئەگەر ئۇزاق مۇددەت بېكىنمىچىلىككە ئۇچرىسا، مۇقەررەر ھالدا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، پەقەت دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا بېسىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ ھەممىسى دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىپ، دەۋر جەۋھىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىدۇ، پەقەت يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىيات مەنبە ئېقىن سۈيىنى جانلاندۇرغاندىلا، ئاندىن زامان - ماكان ھالقىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە باي مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.

  «توپا يىغىلسا تاغ بولۇر، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولۇر». ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرىكەت قىلغۇچى. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى، كەڭ ھەمكارلىق يوللىرىنى ئاچتى. ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىككە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى زۆرۈر تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئاسىيا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش پىلانى ۋە ئاسىيا كىنو - تېلېۋىزىيە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە زوقلىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەدەنىيلىك گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ياش - ئۆسمۈرلەر، ئەل ئىچى تەشكىلاتى، يەرلىك، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. مۇشۇنداق پائال، ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا جەزمەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس بويىچە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان رىشتىگە ئايلاندۇرساقلا، بىز جەزمەن ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى