تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ياشلىق باھار، سېخنىڭ بىرىنچى سېپىدە پەرۋاز قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى دۇ زۇڭياڭ، لۇ فېڭباۋ، رېن جياڭ، شيې لۇڭ، ۋاڭ چىمىڭ

5- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇسەمى شاگىرتى بىلەن بۇرمىسىمان پىرېسلاش ماشىنىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.
( شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

  بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ياشلىق باھارى بولىدۇ، ھېچقانداق بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ياشلىق يولى ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، ياشلىق باھارىنىڭ ئاساسى «كۈرەش قىلىش» دېگەن سۆزدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ.

  شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئوتتۇرىچە يېشى 32 ياش بولغان بۇ ياشلار كوللېكتىپىدا، مۇنداق بىر توپ ياشلار بار، ئۇلار كۈرەش جەريانىدا ياشلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق ئارزۇسىغا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئاددىي ئىش ئورنىدا نۇر، ھارارەت تارقىتىپ، كارخانا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، يېڭىلگىنىگە مەڭگۈ تەن بەرمەسلىك

  5- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ رېمونت سېخىغا كەلدى، 42 ياشلىق ئابدۇسەمى شاگىرتلىرىنى يېتەكلەپ پىرېسلاش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋاتاتتى. بۇ «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» كىشىگە تۇنجى قېتىمدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان، جىمىغۇر، كەم سۆز تەسىر بېرىدۇ، بىراق رېمونتچىلىق تىلغا ئېلىنسا، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

  ئابدۇسەمى ھەر خىل نەرسىلەرنى رېمونت قىلىشقا ھېرىسمەن. بىلمەيدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلسە، ئۇ كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆگىنىدۇ، باشقىلاردىن سورايدۇ، تا بىلىۋالمىغىچە بولدى قىلمايدۇ.

  بىر يىلى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى بىر سوۋۇتۇش، توڭلىتىش ماشىنىسىدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ، نورمال ئىشلەتكىلى بولمىدى. توڭلىتىش ماشىنىسى چەت ئەلنىڭ ئۈسكۈنىسى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئالاقىدار تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خادىملىرى ۋە تېخنىكا كۈچلىرى يوق ئىدى، پەقەت نۇرغۇن چىقىم قىلىپ چەت ئەللىك تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، بۇ، ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتەتتى، يەنە زور چىقىم كېتەتتى.

  رېمونت قىلىش تېخنىكىسىدا باشقىلارغا تايىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چەت ئەل تەرەپ تېخنىكلىرى كەلگەندىن كېيىن، ئابدۇسەمى ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ماسلىشىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش تېخنىكا - ماھارىتىنى ئۆگەندى، بولۇپمۇ ئۇ ئاچقۇچلۇق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، سېخقا قايتقاندىن كېيىن، باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مۇشۇنداق «يىرىك» ئۇسۇلغا تايىنىپ، ئىمپورت قىلىنغان توڭلىتىش ماشىنىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئۇسۇلى ۋە يادرولۇق تېخنىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىدى.

  2006- يىلى قىشتا، سوۋۇتۇش، توڭلىتىش ماشىنىسىدا يەنە كاشىلا كۆرۈلدى، شىركەت چەت ئەل تەرەپ تېخنىكلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپ ۋاقتىمىز يوق، بىر ئاي ساقلاڭلار، دېدى.

  توڭلىتىش ماشىنىسى توختاپ قېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، ئۇدا بىر ئايدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقاندا، كارخانىغا ئىنتايىن زور زىيان بولاتتى. «مەن قىلاي.» ئابدۇسەمى ئوتتۇرىغا چىقتى، گەرچە تولۇق ئىشەنچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەسلىكنى قارار قىلدى.

  توڭلىتىش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىشتا، ئەڭ قىيىن، شۇنداقلا ئەڭ يادرولۇق تېخنىكا زاپچاس ئارىلىقىنى تەڭشەش بولۇپ، ئارىلىقنى 0.06 - 0.03 مىللىمېتىرغىچە كونترول قىلىش تەلەپ قىلىناتتى. ئارىلىق چوڭ بولۇپ كەتسە، توڭلىتىش ماشىنىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتەتتى؛ ئارىلىق كىچىك بولۇپ قالسا، زاپچاسلار ئاسان ئۇپراپ، ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى تەسىرگە ئۇچرايتتى.

  ئابدۇسەمى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە رېمونت سېخىدا يېتىپ - قوپۇپ، غىزالىنىپ، توڭلىتىش ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى ئاز - ئازدىن تەڭشەپ سىنىدى. بىر كۈن، ئىككى كۈن... تالاي قېتىم مەغلۇپ بولدى، «باشقىلار رېمونت قىلالىغاننى مەن نېمە ئۈچۈن رېمونت قىلالمىغۇدەكمەن؟ مەن چوقۇم ئۇنى رېمونت قىلىمەن» دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئابدۇسەمى ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، توڭلىتىش ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چەت ئەل تەرەپ تېخنىكلىرى «گالدىن بوغقان» قىيىن مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى.

  كېيىن، ئابدۇسەمى يەنە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ 3D بېسىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، «رېمونت قىلىشقا پايدىلىق بولسىلا چوقۇم ئۆگىنىمەن، يەنە چوقۇم ئۆگىنىۋالىمەن.»

   ئاددىي خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش

  «ئاددىي خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغاندىلا، چوقۇم قالتىس نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.» جياۋ شىنۋېي ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بۇ سۆزنى ئىسپاتلىدى.

  2011- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جياۋ شىنۋېي شىنجاڭ خۇاتەي ئېغىر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە خىزمەت قىلدى، كېيىن شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە يۆتكىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا باشقارمىسى سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سۈپەت تەكشۈرگۈچىسى بولدى.

  بۇ ئىش ئورنى قارىماققا سەل زېرىكىشلىك بولۇپ، ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىش ئەۋرىشكە ئېلىش، ئانالىز قىلىش، نەتىجىنى ساقلاش... «بۇنىڭ مەن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، مەندە قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولدى» دېدى جياۋ شىنۋېي.

  بۇنداق ھالەت بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشتى، زېرىكىشلىك خىزمەتتە جياۋ شىنۋېي ھاياتنى بۇنداق ئىسراپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، ئىش ئورنى ئاددىي بولسىمۇ، ئەگەر ياخشى ئىشلىسىلا، قالتىس نەتىجە ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلدى.

  چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندەك، ئىش ئورنىغا قايتا چىققاندا، جياۋ شىنۋېي كۆز ئالدىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابىغا خۇددى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. كۈندۈزى، ئۇ ئەستايىدىل ئەۋرىشكە ئېلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇردى؛ كېچىسى، ياتاققا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ كىتاب دۆۋىسىگە چۆكۈپ، تۈرلۈك تەجرىبىنىڭ ھەربىر باسقۇچىدىكى رېئاكسىيە پىرىنسىپىنى تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى ئىزدىدى ھەم تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدىغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ فىزىكىلىق - خىمىيەلىك ئالاھىدىلىكى، خىمىيەلىك رېئاكسىيە پىرىنسىپى، ئىنچىكىلەشكەن مەشغۇلات ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلىدى، كاللىسىغا قاچىلىۋالدى.

  2013- يىلىدىن باشلاپ، جياۋ شىنۋېي مەقسەتلىك ھالدا تۈرلۈك ماھارەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسى، تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆلچەم، تېخىمۇ توغرا سانلىق مەلۇمات ئۈستىدە ئىزدەندى.

  2016- يىلى 10- ئايدا، جياۋ شىنۋېي 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى ساھەسى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئۇ ۋە ئەترەت ئەزالىرى كوللېكتىپ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ يەنە شەخسلەر تۈرىدە سەككىزىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» قاتارىغا كىردى.

  «مەن ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىمەن ھەم دۇنيادا پەقەت تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئارزۇغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى جياۋ شىنۋېي.

  پۇرسەت ھەر ۋاقىت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ

  5- ئاينىڭ 11- كۈنى، ۋاڭ كۈنگە كېچىلىك بەندە ئىشلەش نۆۋىتى كەلدى. خىزمەت ئادىتى بويىچە، ئۇ 30 مىنۇت بۇرۇن ئىش ئورنىغا كېلىپ، ئالدىنقى بەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، بەن - گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.

  33 ياشلىق ۋاڭ كۈن ئېتېن سېخىنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ سېختىكى ھاسىل قىلىش ئىش ئورنىدا بەش يىل ئىشلىگەنىدى. ھاسىل قىلىش ئىش ئورنىدا تەكرار خاراكتېرلىك ئەمگەك بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش پۇرسىتى كەم ئىدى.

  ۋاڭ كۈن تىپنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلدى، «كېيىنكى قەدەمدە نېمە بولۇشنى بىلمىسىمۇ، بىرىنچى قەدەمنى بېسىپ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.» ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولغان بەن - گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە، بەن - گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاچ، قەتئىيلىك بىلەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  غايە كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ۋاڭ كۈن تىپنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تەييارلىق قىلدى: خىزمەت ۋاقتىدا، ئۇ بەن - گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى؛ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

  پۇرسەت ھەر ۋاقىت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. 2017- يىلى، ۋاڭ كۈن باشقۇرۇش ئورنىغا چىقىپ، سېخنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى بولدى، كېيىن بەنجاڭ بولدى. «بىردىنلا ئون ئادەمنى باشقۇرىدىغان بولدۇم، قىيىنچىلىق خېلى بار، ئەمما قىيىنچىلىق قانچە كۆپ بولسىمۇ چوقۇم يېڭىش كېرەك» دېدى ۋاڭ كۈن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

  بەن - گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىرىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەن - گۇرۇپپىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئايدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە ئالاقىدار بەش ئۇچۇر تاپشۇرىدۇ. بەش ئۇچۇر قارىماققا كۆپ بولمىسىمۇ، كۈنبويى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە بىخۇدلاشقان كۆپچىلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىش دەسلەپتە ئورۇنداش تەس بولغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالدى.

  «بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بولمايدۇ.» ۋاڭ كۈن بەن - گۇرۇپپا ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ ئۆگەندى. بارغانسېرى كۆپ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئۇچۇرى ۋاڭ كۈننىڭ ئۈستىلىگە تەدرىجىي يىغىلدى ھەم شىركەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە تەتبىقلاندى.

  2017- يىلى ۋە 2018- يىلى، ۋاڭ كۈن تۇرۇشلۇق بەن - گۇرۇپپىدا ئۇدا ئىككى يىل قائىدىگە خىلاپ ئىش، ھادىسە كۆرۈلمىدى. بۇلتۇر، ئۇ تۇرۇشلۇق بەن - گۇرۇپپا ئۈزۈپ چىقىپ، «مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك بەن - گۇرۇپپا» بولۇپ باھالاندى.

  «مېنىڭ خىزمەت نىشانىم بەن - گۇرۇپپامنى شىركەت بويىچە مۇنەۋۋەر بەن - گۇرۇپپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئارزۇنى قەلبكە پۈكۈپ، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، بۇ نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز» دېدى ۋاڭ كۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى