لۇ فېڭباۋ
دۇنيادىكى قىيىن ئىشلار مۇقەررەر ئاددىي ئىشلاردىن باشلىنىدۇ؛ دۇنيادىكى بۈيۈك ئىشلار مۇقەررەر كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ.
مەيلى رېمونت ئىشچىسى، سۈپەت تەكشۈرگۈچى بولسۇن ياكى بەن - گۇرۇپپا باشلىقى بولسۇن ھەممىسى ئاددىي ئىش ئورنىنىڭ بىر ئەزاسى، رېمونت ئىشچىسى ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرىدۇ، سۈپەت تەكشۈرگۈچى كۈندە تەكرارلىنىدىغان خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدۇ، بەن - گۇرۇپپا باشلىقى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئىنتىلىدۇ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىش ئورنىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
ئاددىي خىزمەتتىمۇ ئوخشاشلا قالتىس كىشىلىك ھاياتنى ياراتقىلى بولىدۇ. ئۆز ئىش ئورنىدا قالتىس ئىشلەپ نەتىجە ياراتسىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق بولىدۇ! ئەمما بۇنى دېيىش ئاسان، قىلىش تەس.
ھەربىر ئاددىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەنلىكنىڭ ئۆزى قالتىسلىق، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپادىن قورقمايلا قالماي، يەنە زېرىكىشلىك ھېس قىلماي، مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان، مەڭگۈ يېڭىلگەنگە تەن بەرمەيدىغان روھ بولمىسا، ئاددىيلىقتا چىڭ تۇرماق تەس.
بىز ھەربىرىمىز ئۆز خىزمىتىمىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ھەربىر ئىشنى ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپكە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ھەربىر خىزمەتكە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىسلىققا ئىنتىلىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىمىزنى يارىتىشىمىز كېرەك.