تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 2018- يىللىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2019- يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى تەتقىق قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۆلچەمدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىلمىي يىرىك پىلان سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پىلانلىشىغا ياردەم بېرىپ، خاس ساياھەت كۇرسلۇق ماركىسى يارىتىشى، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى لايىھەلىشى، ساياھەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشى كېرەك؛ بازار تىجارىتىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ بىر تۈركۈم جىددىي ئېھتىياجلىق ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى، كىرگۈزۈشىنى قوللىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلار ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى