تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان قولايلىق بولسىمۇ، بىخەتەر ئەمەس

ماتېرىيال سۈرەت

  بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇيۇم، نۇرغۇن كىشىلەر بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان ئىنتايىن قولايلىق دەپ قارايدۇ، يەنە كېلىپ ئىشلىتىپ بولۇپلا تاشلىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكانغا بولغان تالاش- تارتىشلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارمۇ - يوق، قىززىق ئىچىملىكلەرنى قويۇشقا بولامدۇ - يوق، تەكرار ئىشلىتىشكە بولامدۇ - يوق، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بارمۇ - يوق دېگەندەك.

  «رەڭ ئۆزگىرىشچان» قەغەز ئىستاكان

  بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان سىڭىشچانلىققا ئىگە، قەغەز ئىستاكانغا سۇ قۇيغاندا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئەمما قەغەز ئىستاكاندا ھاراق، چاي ئىچكەندە، مۇبادا تۇرغۇزۇش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاق رەڭلىك يەملەنگەن جاينىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، روشەن سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. چۈنكى قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىچىدە بىر قەۋەت سۇ ئۆتمەس قەۋەت بار، ئىسپىرت تەركىبىدە ئالكوھول بار، ئالكوھول ئاسان پارلىنىدۇ، سىڭىشچانلىقى سۇنىڭكىدىن ياخشى بولغاچقا، ئۇ قەغەز ئىستاكان تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئۆزئارا ئېرىپ، سىڭىپ كېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر بازاردىكى كۆپلىگەن بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكانلارنىڭ ھەممىسىگە چىرايلىق نەقىشلەر بېسىلغان، ئەمما بۇ نەقىشلەرگە خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. قەغەز ئىستاكاندىكى نەقىشلەر تەركىبىدە گرافىت بار، گرافىت تەركىبىدە بېنزول تۈرىدىكى ماددىلار بار، بېنزول تۈرىدىكى ماددىلار بەلگىلىك راك پەيدا قىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار قەغەز ئىستاكاندىن ئۆتۈپ كەتكەن ئالكوھول بىلەن ئۇچراشقاندا، ھاراق ئارىسىدا ئېرىپ، شۇ ئارقىلىق بەدىنىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  قەغەز ئىستاكاننىڭمۇ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بولىدۇ. شۇڭا، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان سېتىۋالغاندا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە قاراش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قەغەز ئىستاكاننى ساقلاشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا، قەغەز ئىستاكان نەملىشىپ كۆكىرىپ، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇنداق قەغەز ئىستاكاننى ئىشلەتكەندە، ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

  مۇۋاپىق كېلىدىغان قەغەز ئىستاكاننى قانداق تاللىشىمىز كېرەك؟

  قەغەز ئىستاكان تاللاش ئۇسۇلىنى ئاددىي قىلىپ مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، قاراش؛ ئىككىنچى، بېسىش؛ ئۈچىنچى، پۇراش. «قاراش» دېگىنىمىز، ئورالما قاپتىكى بەلگە ئۇچۇرى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى نومۇرى ۋە QS بەلگىسىگە قاراشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەغەز ئىستاكاننىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك، يەنى قەغەز ئىستاكان بەك كۆركەم بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. قەغەز ئىستاكاننى نۇرغا تۇتۇپ قارىغاندا، ئارىلاش ماددىلار بولسا بولمايدۇ. فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىراغقا تۇتۇپ قاراپ بېقىش كېرەك، ئەگەر قەغەز ئىستاكان فلۇئورېسسېنسىيەلىك چىراغ نۇرىدا كۆك رەڭدە كۆرۈنسە، فلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. «بېسىش» دېگىنىمىز، بارماق بىلەن قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىككى تەرىپىنى يېنىك بېسىپ، ئىستاكاننىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان - بېرەلمەيدىغانلىقىغا قاراشنى كۆرسىتىدۇ. «پۇراش» دېگىنىمىز، ئىستاكاندا بۇرۇننى غىدىقلايدىغان غەيرىي پۇراقنىڭ، بولۇپمۇ باسما مېيى ياكى كۆكىرىپ قالغان پۇراق بار - يوقلۇقىنى پۇراپ بېقىشنى كۆرسىتىدۇ.

  تاللىغان چاغدىكى بۇ ئەپچىل چارىلەردىن باشقا، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكان ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى قېتىم قۇيغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر قەغەز بۇيۇمنىڭ رەڭگى زىيادە ئاق ياكى تەركىبىدە ئارىلاش ماددىلار بولسا، قەغەز ئىستاكان، قەغەز قاچىلارغا ئىسسىق سۇ قاچىلىغاندا، غەيرىي پۇراق پەيدا بولسا، ئوخشاشلا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئىشلىتىش جەريانىدىمۇ ئامال بار سوغۇق ئىچىملىك قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكان بىلەن قىزىق ئىچىملىك قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكاننى پەرقلەندۈرۈش كېرەك، چۈنكى سوغۇق ئىچىملىك قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكان بىلەن قىزىق ئىچىملىك قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكاننىڭ يان يۈزى بىلەن ئاستى قىسمىدىكى چاپلانغان جاينىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تېمپېراتۇرىسى ئوخشىمايدۇ، ئەگەر سوغۇق ئىچىملىك قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكانغا قىزىق سۇ قۇيۇلسا، ئېقىپ كېتىش، كۆيۈپ يارىلىنىش قاتارلىق خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا، يەنىلا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش