تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

مەھەللىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى»

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چېن چېن، جېن شىشىن، يۈ يىچاڭ

  «56 يۇلتۇز تۈركۈمى 56 تال گۈل، 56 مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل بىر ئائىلە، 56 خىل تىل بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاندى، مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن، مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن، مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن...» مەيلى قەيەردىلا بولسۇن بۇ ناخشا ئېيتىلغاندا، ھەمىشە كىشى قەلبىدىن بىر خىل كۈچنى، بىر خىل ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قۇبۇقسار بازىرى بايىنشېرگ مەھەللىسىدە مۇنداق ئۈچ جۈپ ئاھالە بار، گەرچە ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادىتى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئۇلار 20- ئەسىرنىڭ 70- 60- يىللىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بېرىش - كېلىش قىلىپ، «56 مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل بىر ئائىلە» دېگەن مىسرانىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ بەردى.

   «بىر ئۆمۈر ياخشى ئاچا - سىڭىل بولۇپ ئۆتىمىز»

  بايىنشېرگ مەھەللىسىدە، ئاچا - سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى ئايال بولۇپ، ئۇلار داغۇر مىللىتىدىن بولغان 82 ياشلىق ئاچىسى سى يۈلىڭ بىلەن موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان 71 ياشلىق سىڭلىسى جاڭغا ئويىنچىمىك ئىدى. 5- ئاينىڭ 13- كۈنى، سى يۈلىڭ بىلەن ئويىنچىمىكنىڭ جەم بولۇش كۈنى. ئۇلار ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن تەكلىپ قىلىشىپ بىر قېتىم جەم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەم بولۇپ، پاراڭلىشىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا 41 يىل بولدى.

  «بۈگۈنكى كۈندە بىز بەك بەختلىك. بىزنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسىمۇ، بىراق بىز قېرىنداشتىنمۇ يېقىن. ئاچا، بىز بىر ئۆمۈر ياخشى ئاچا - سىڭىل بولايلى، سىز دەپ بېقىڭە شۇنداقمۇ - ئەمەسمۇ؟» دېدى ئويىنچىمىك.

  «شۇنداق، شۇنداق!» سى يۈلىڭ ئارقا - ئارقىدىن باش لىڭشىتتى.

  1962- يىلى، ئەينى چاغدىكى 25 ياشلىق سى يۈلىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكى بىر مەكتەپتىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىغا ئالمىشىپ كەلدى. خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، كېيىن ئۇ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. سى يۈلىڭ ساراي باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئويىنچىمىك داۋاملىق مەدەنىيەت سارىيىغا كېلىپ كىتاب كۆرەتتى، ماتېرىيال ئارىيەتكە ئالاتتى. كېلىپ - كېتىپ يۈرۈپ ئۇلار ئوبدانلا تونۇشۇپ قالدى.

  ئالاقىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئويىنچىمىكنىڭ سى يۈلىڭنى «باشلىق» دەپ چاقىرىشى «ئاچا» دەپ چاقىرىشقا ئۆزگەردى. «سىڭلىم ئويىنچىمىك ھەر يىلى ياكى مەكتەپتە مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى بولىدۇ، ياكى ناھىيە بويىچە ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى بولىدۇ؛ مەنمۇ ھەر يىلى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىلغار خىزمەتچى دېگەن ناملارغا ئېرىشىمەن» دېدى سى يۈلىڭ.

  كېيىن، ئىككى موماي پېنسىيەگە چىقتى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇلار ئالاقىسىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى.

  2013- يىلى، ناھىيەدە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندا، ئۇلار بايىنشېرگ مەھەللىسىدىن ئۆي سېتىۋالدى. «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئانام بىلەن ئويىنچىمىك ھەدەمنىڭ دوستلۇقى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلىپ كەلدى.» سى يۈلىڭنىڭ ئوغلى چاغان زىرۇڭ مۇنداق دېدى: «بايىنشېرگ مەھەللىسىدىكى 46 بىنادا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ، 3800دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل ھەمىشە بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ».

   «مەھەللە بىزنىڭ ئۆيىمىز»

  ناھىيەگە قاراشلىق ئىككى ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى قازاق خىزمەتچى قېيزات نۇرتوختا، خەنزۇ خىزمەتچى ۋۇ شاۋمىن ئاكا - ئۇكا تىلغا ئېلىنسا، بىلمەيدىغان ئادەم يوق. «مەيلى چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئەمگەك قىلغاندا بولسۇن ياكى پېنسىيەگە چىقىپ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇراقلاشقاندا بولسۇن، ئۇ ئىككىيلەن ھەمىشە خۇددى بىر قورساق ئاكا - ئۇكىغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن ئايرىلمايتتى» دېدى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى نۇرلان قابىلبېك ھەۋەسلىنىپ.

  1966- يىلى، 18 ياشلىق ۋۇ شاۋمىن چارۋىچىلىق مەيدانىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى.

  «قېيزات ئاكام چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىستاتىستىكىچىسى ئىدى، مەن ئاكام بىلەن بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلاتتىم» دېدى ۋۇ شاۋمىن. قېيزاتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ۋۇ شاۋمىن تېز ئىلگىرىلىدى، كېيىن چارۋىچىلىق مەيدانى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولدى. ھەر يىلى كۈزدە چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئوت - چۆپلەرنى ئورۇيدىغان چاغدا، ۋۇ شاۋمىن بىلەن قېيزات ھەمىشە قولىدىكى خىزمەتنى قويۇپ تۇرۇپ، چارۋىچىلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلاتتى.

  چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە، مەيداندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىرىنچى سەپتە ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى يوق ئىدى. «مەيلى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يولىنى رېمونت قىلىش بولسۇن ياكى سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش بولسۇن، قېيزات ئاكام ھەمىشە قاتنىشاتتى. ئۇ ماڭا بىز ھەممىمىز دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، دائىم ئەمگەككە قاتنىشىپ تۇرۇشىمىز، ئەسلىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، دېدى.» ۋۇ شاۋمىن مۇنداق دېدى: «شۇنىڭدىن كېيىن، مەن بىكار بولساملا ئەمگەككە قاتنىشىدىغان بولدۇم».

  قېيزات پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، 2013- يىلى بايىنشېرگ مەھەللىسىدىن ئۆي سېتىۋالدى. ۋۇ شاۋمىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ شۇ يەردىن ئۆي سېتىۋالدى. «قېيزات ئاكام ئىككىمىز مەھەللىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەمگىكىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دائىم كارىدورلارنى سۈپۈرۈپ، ھويلىلارنىڭ تازىلىقىنى قىلىمىز. ئاكام ھەمىشە ماڭا مەھەللە بىزنىڭ <ئۆي>ىمىز دەيدۇ» دېدى ۋۇ شاۋمىن.

  بۇ ئاكا - ئۇكىلارنىڭ تەسىرىدە، ئاھالىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىنىڭ تازىلىقىنى قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.

   «ئىنىمنىڭ كۆزىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»

  ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دېگۈدەك مەھەللە ئىشخانا بىناسىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى شاھمات - قارتا ئويناش پائالىيەت ئۆيىدە، قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ قالغان بىر جۈپ ئاھالىنىڭ كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلار 52 ياشلىق خەنزۇ ئاھالە لى جىگاڭ بىلەن 75 ياشلىق موڭغۇل ئاھالە دودورجى ئايېرزەن.

  لى جىگاڭ بىلەن ئايېرزەننىڭ ئالاقىسىنى يەنىلا ئۇلار خىزمەت قىلغان ئىككى ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  لى جىگاڭ چارۋىچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 4- ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئايېرزەن ئەسلىي تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. 1987- يىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانى ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئايېرزەن ئىككى ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چارۋىچىلىق 2 - ئەترىتىگە كەلدى.

  ئۇ ۋاقىتتا ئايېرزەننىڭ دائىم تىزى ئاغرىيتتى، لى جىگاڭنىڭ دادىسى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ دوختۇرى ئىدى. ئىككىيلەن شۇ سەۋەبتىن تونۇشۇپ قالغان. ئايېرزەن مۇنداق دېدى: «كېسەل كۆرسىتىش داۋامىدا، مەن بۇ خەنزۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم».

  «مەن ئۇنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوي باقسا، ئاندىن دوستۇمنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ باقسا، دەپ ئويلىغانىدىم» دېدى ئايېرزەن.

  لى جىگاڭمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، ئۇ ئايېرزەننىڭ دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوي باقتى. قوي بېقىش داۋامىدا، ئۇ بۇ موڭغۇل قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى.

  بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسىدە لى جىگاڭنىڭ كۆزى ئېغىر يارىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالدى. 2012- يىلى، لى جىگاڭ پېنسىيەگە چىققان ئايېرزەن بىلەن بىللە بايىنشېرگ مەھەللىسىدىن ئۆي سېتىۋالدى.

  لى جىگاڭنىڭ كۆز كېسىلىنى داۋالىتىش جاسارىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئايېرزەن دائىم لى جىگاڭنى ئىلھاملاندۇراتتى، «مەن خەنزۇ ئىنىمنىڭ كۆزىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى ئايېرزەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى